باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

تۇرپان-كورلا 2-لىنىيەسىدە 1-فېۋرالدىن باشلاپ يولۇچى توشۇش باشلىنىدۇ

2015.01.26 13:30         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2014-يىل 28-دېكابىر تۇرپان-كورلا 2-لىنىيەسىنىڭ ئېچىلىشىغا ئەگىشىپ، جەنۇبىي شىنجاڭ تۆمۈر يولى رەسمىي ئېلېكتىرلىشىش دەۋرىگە قەدەم قويدى. يېقىندا، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى تۆمۈر يول ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، كەڭ يولۇچىلارنىڭ سەپەرگە چىقىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، 2015- يىل 1-فېۋرالدىن باشلاپ جەنۇبىي شىنجاڭ تۆمۈر يولى تۇرپان-كورلا 2-لىنىيەسىدە يولۇچى توشۇش باشلىنىدىكەن. بۇ لىنىيەدە قاتنايدىغان نۆۋەتچى پويىزلارنىڭ مۇساپىسى، يول يۈرۈش ۋە بېكەتتە توختاش ۋاقتى، بېلەت باھاسى قاتارلىقلاردا ئۆزگىرىش بولىدىكەن.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، تۇرپاندىن كورلىغىچە بولغان ئەمەلىي يۈرۈش مۇساپىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 475 كىلومېتىر كېلىدىكەن، تۇرپان-كورلا 2-لىنىيەسىدە يولۇچى توشۇش باشلانغاندىن كېيىنكى مۇساپە 334 كىلومېتىر بولۇپ، 123 كىلومېتىر ئارلىق قىسقىرايدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بېلەت باھاسى كۆرۈنەرلىك چۈشىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، 24-يانۋار سائەت 09:30 دىن باشلاپ ئالاقە تورى، تېلېفون، بېلەت سېتىش كۆزنەكلىرىدە بىرلا ۋاقىتتا 30-يانۋاردىن 16-مارتقىچە بولغان پويىز بېلەتلىرى سېتىلىدىكەن. 17-مارتتىن باشلاپ بىر قىسىم نۆۋەتچى پويىزلارنىڭ بېلىتى ۋاقىتىنچە سېتىشتىن توختايدىكەن، بېلەت سېتىش ۋاقتى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن ئايرىم ئۇقتۇرۇش قىلىندىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر