- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


2014-يىلى شىنجاڭنىڭ توردىكى ئومۇمىي پۈتۈلگەن سودا 29 مىليۇن 830 مىڭ قېتىمدىن ئېشىپ كەتتى
2015.01.16 17:14
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا ئېلان قىلىنغان «2014-يىللىق شىنجاڭنىڭ تور سودا تەرەققىياتىنى تەكشۈرۈش دوكلاتى»دىكى سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، 2012-يىلى، تور دۇكىنىنىڭ ئىناۋەت دەرىجىسى چېمپىيۇندىن يۇقىرى بولغان شىنجاڭدىكى تور سودىگىرىنىڭ ئومۇمىي سانى 129 ئىدى، 2014-يىلىغا كەلگەندە،چېمپىيۇن دەرىجىلىكتىن يۇقىرى تور دوكىنى 332گە يېتىپ، ئىككى يىلدا 1.5 ھەسسە كۆپەيدى. شىنجاڭنىڭ توردا سېتىلىدىغان مەھسۇلات ئومۇمىي مىقدارى 39 مىڭ 533كە ، ئومۇمىي سودا سانى29 مىليۇن 837 مىڭ 391گە يېتىپ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن كۈنىگە 80 مىڭدىن ئوشۇق سودا پۈتۈشتى.
ئىگىلىنىشىچە، 2014-يىلى، شىنجاڭ تورى سودىگەرلىتىنىڭ توردا تۇرۇش ۋاقتى 18 مىڭ سائەتكە يېتىپ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ئايدا بىر قېتىم يېڭى مەھسۇلاتنى ئوتتۇرىغا چىقاردى، 330 مىليۇن قېتىم زىيارەت قىلىندى. جەمئىي 3398 خىزمەت ئورنى بىلەن تەمىنلىدى، بۇنىڭ ئىچىدە كەسپىي خادىم 2868، قوشۇمچە ئىشلەيدىغانلار 712 بولۇپ، 2012-يىلىدىكىدىن %98.48 ئاشتى.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر