خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:(قەشقەر شەھەرلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىدىن ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئابلىمىت سوپىھاجى خەۋىرى، فوتوسى) بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، قەشقەر شەھىرىنىڭ ھەر قايسى يېزا-بازارلىرى قىش پەسلىدىكى ئارىسال ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ، يېزا-كەنت دېھقان تېخنىكلىرىنى تەشكىللەپ، باغۋەنچىلىك، باقمىچىلىق، دېھقانچىلىق پەن-تېخنىكا بىلىملىرى بويىچە تەربىيەلەش كۇرسلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، بۇ يىللىق يېزائېگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى پەن-تېخنىكا كاپالىتىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالدى
مۇھەررىر: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى