باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايون ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ياردەم بېرىش ئېيى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرىدۇ

2015.01.13 16:49         مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايون بۇ يىل يانۋارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن فېۋرالنىڭ ئاخىرىغىچە ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ياردەم بېرىش ئېيى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشتا قىيىنچىلىقى بار ۋە مېيىپ ئىشسىزلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بېرىدۇ.

  بۇ پائالىيەتنى ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق مېيىپلەر بىرلەشمىسى بىرلىكتە تەشكىللەيدۇ، جايلاردىكى ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرى بىلەن مېيىپلەر بىرلەشمىسى بىرلىكتە يولغا قويىدۇ. ياردەم بېرىلىدىغان ئوبيېكتلار شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىشقا ئورۇنلىشىش قىيىنچىلىقى بارلار، ئىشسىز مېيىپلەر، ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن بەھرىمەن بولىدىغان ئائىلىلەردىكى ئەمگەك ئىقتىدارى بار ئىشسىزلار ھەمدە ئۆز رايونىدا قىيىنچىلىقى بار دەپ بېكىتىلگەن ئائىلىلەرنىڭ مەكتەپتىن ئايرىلغان، لېكىن ئىشقا ئورۇنلاشمىغان پەرزەنتلىرى، كېسەل سەۋەبىدىن نامراتلىشىپ كەتكەن ئائىلىلەرنىڭ ئەزالىرى، يېرىدىن ئايرىلىپ قالغانلار قاتارلىق ياردەم بېرىش ئوبيېكتلىرىنى كۆرسىتىدۇ.

  ۋىلايەتلەر، ئوبلاستلار، شەھەرلەر ئاساسلىقى، ئادەم كۈچى بايلىقى بازىرى تەشكىللەپ ئۆتكۈزگەن مەخسۇس خىزمەتچى قوبۇل قىلىش پائالىيەتلىرىگە تايىنىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئېھتىياجى بار ئوبيېكتلارنى مۇۋاپىق ئىش ئورنى ئۇچۇرى بىلەن تەمىنلەيدۇ؛ «1000 كارخانا 10 مىڭ ئادەم » نامىدا مېيىپلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بېرىش - تۈرتكە بولۇش پائالىيىتىنى يولغا قويىدۇ؛ ئىشقا ئورۇنلىشىش بويىچە تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئۆزگىچە تەربىيەلەش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇشىغا تايىنىپ، تېخنىكىغا ئېھتىياجى بار ئوبيېكتلارنى مەركەزلىك تەربىيەلەپ، تەربىيەلەش ياردەم پۇلىنى ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ؛ ئىگىلىك تىكلەش مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرى ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇسى بار ئوبيېكىتلارنى ئىگىلىك تىكلەش بويىچە مەركەزلىك تەربىيەلەپ، ئۇلارغا يار - يۆلەك بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە ۋاقىتنى مەركەزلەشتۈرۈپ شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىشقا ئورۇنلىشىشتا قىيىنچىلىقى بارلارغا بېجىنى كەچۈرۈم قىلىش - ئازايتىش، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا، ئىش ئورنى، تەربىيەلىنىش، كەسىپ ماھارىتىنى باھالاش، ئىگىلىك تىكلەش ياردەم پۇلى بېرىش قاتارلىق ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ؛ نىسبەت بويىچە مېيىپلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە بىرلەشتۈرۈپ، يۆلەش سىياسەتلىرىنى ئۇچۇر سىستېمىسىدا بېجىرىشنى پەيدىنپەي ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، مۇلازىمەتنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىدۇ. ۋىلايەتلەر، ئوبلاستلار، شەھەرلەر بۇ جەرياندا مېيىپلەر ئۈچۈن مەخسۇس خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ياكى نىشانلىق قوبۇل قىلىش پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەيدۇ؛ جامائەت پاراۋانلىقى ئىش ئورنىنى توپلاپ، بۇنداق ئورۇنلارغا قىيىنچىلىقى ئېغىر ياردەم بېرىش ئوبيېكىتلىرىنى ئورۇنلاشتۇرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر