- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


شىنجاڭ قار-مۇز بايلىقىنى ساياھەتتىكى قىزىق كەسىپكە ئايلاندۇردى
2015.01.05 17:07 مەنبە: خەلق تورى
بۇ يىل يېڭى يىللىق قىسقا دەم ئېلىشتا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇب-شىمالىدىكى نۇرغۇن جايلاردا ئۆتكۈزۈلگەن قار-مۇز مەنزىرىسى ساياھەت بايرىمى شىنجاڭنىڭ ئىچى، سىرتىدىكى نۇرغۇن ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى، شىنجاڭنىڭ ئەسلىدىكى سوغۇق قار-مۇز بايلىقى تەدرىجىي قىزىق كەسىپكە ئايلاندى.
2014-يىلى 12-ئاينىڭ ئاخىرىدا، شىنجاڭدىكى دۆربىلجىن، باغراش ناھىيەلىرى جۇڭگونىڭ غەربىدىكى قار-مۇز ساياھەت بايرىمى شۆبە مەيدانى بولۇپ، ئۆزلىرىنىڭ يەرلىك ئالاھىدىلىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، پاراشوت ماھارىتى، قارلىق موتسىكلىتى، قار تېيىلىش مۇسابىقىسى قاتارلىق نۇرغۇن تۈرلەرنى ئۇيۇشتۇردى، ئالتاي شەھىرىمۇ 2014-، 2015-يىللىق جۇڭگو ئالتاي خەلقئارا قار-مۇز ساياھەت پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.
شىنجاڭنىڭ قار پەسلى ھەر يىلى 11-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدىن 2-يىلى 3-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە بولۇپ، تۆت ئايدىن ئارتۇق داۋاملىشىدۇ. شۇڭا، شىنجاڭنىڭ قىشلىق ساياھەت بايلىقى مول. ھالبۇكى، يازغا سېلىشتۇرغاندا، قىشتا شىنجاڭغا كېلىدىغانلار بىر قەدەر ئاز. شىنجاڭنىڭ قىشلىق ساياھەت بايلىقىنى يەنىمۇ ئېچىش ئۈچۈن، 2014-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسى «شىنجاڭنى سۆيۈش-يۇرتنى سەيلە قىلىش» يۈرۈشلۈك پائالىيىتىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، بىرلەشمە مەنزىرىگاھ، ساياھەت كوپىراتىپى، يەرلىكتىكى ساياھەت تارماقلىرى ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ ساياھەت تەرەققىياتىنى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈردى.
شىنجاڭ ساياھەت تارماقلىرىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، 2006-يىلىدىن بۇرۇن، شىنجاڭدا قىشتا ساياھەت قىلىدىغانلار 900 مىڭ ئادەم قېتىمدىن كۆپرەك بولغان بولسا، 2013-يىلى قىشتا 18 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئاشقان. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئىنئام نەسرىددىن مۇنداق دېدى: بۇ بىر نەچچە يىلدا ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ئارقىلىق، شىنجاڭنىڭ قىشتا سەپەرگە چىقىش شارائىتى زور دەرىجىدە ياخشىلاندى، بىز كېيىنكى قەدەمدە تەشۋىقاتنى كېڭەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى شىنجاڭ كېلىپ، قىش پەسلىنى كۆرۈپ، سەيلە-ساياھەت قىلىشقا جەلپ قىلىمىز.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر