- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


تىرانسپورتنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىمىز
ئاپتونوم رايونلۇق يول تىرانسپورتىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتكومىنىڭ شۇجىسى رېن سۈنشىننى زىيارەت
2015.01.04 11:03 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
قانۇن ئىدارە قىلىش دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى ئاساسىي ئۇسۇل، شۇنداقلا شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىكى تۈپ يول، تېخىمۇ مۇھىمى، ئۇ بىر مۇھىم ئاساسىي قانۇن پىرىنسىپى.
پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيى، ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 – ئومۇمىي يىغىنىدا دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، سوتسىيالىستىك قانۇن ئىدارە قىلىدىغان دۆلەت قۇرۇشنى تېزلىتىشتىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار نىشان ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن كېيىن، ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 8 – نۆۋەتلىك كومىتېتى 8 – ئومۇمىي(كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدىمۇ شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان شىنجاڭ قۇرۇش ئومۇمىي نىشانى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، قانۇن چىقىرىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈش مۇھىم ئالدىنقى شەرت، شۇنداقلا ئاساسنى مۇستەھكەملەش تەدبىرى. 2014 - يىل 11 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ يول تىرانسپورت نىزامى›› (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ ‹‹نىزام›› دېيىلىدۇ) ئاپتونوم رايونلۇق 12 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 11 - قېتىملىق يىغىنىدا تولۇق ئاۋاز بىلەن ماقۇللاندى، بۇ ‹‹نىزام›› 2015 - يىل 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. بۇ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يول تىرانسپورت ساھەسىدىكى بىر كاتتا ئىش، شۇنداقلا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يول تىرانسپورت كەسپىنى ئىسلاھ قىلىپ تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى مۇھىم ئىش، بۇ ئىش ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يول تىرانسپورت ساھەسىدە كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى. بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش - تىرانسپورت نازارىتى پارتكومىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق يول تىرانسپورت باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتكومىنىڭ شۇجىسى رېن سۈنشىننى زىيارەت قىلدۇق.
‹‹نىزام››نىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر چۈشىنىش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك
سوئال: ‹‹نىزام››غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ۋە ئۇنى يولغا قويۇش ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يول تىرانسپورت كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟
رېن سۈنشىن: يول تىرانسپورتى ئۇنىۋېرسال تىرانسپورت سىستېمىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، خەلق ئىگىلىكىنىڭ ئۇل ۋە مۇلازىمەت خاراكتېرلىك كەسپى بولۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشى، تۇرمۇشى، جانىجان مەنپەئىتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، يول تىرانسپورت كەسپىنىڭ تەرەققىياتى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئاھالىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى جەھەتتىمۇ زور تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ. ھازىر، ئاپتونوم رايونىمىزدا يول تىرانسپورت كەسپىدە كەسىپكارلار 800 مىڭدىن ئاشتى، بۇنىڭدىن پۇقرالار ھەر ساھەنىڭ يول تىرانسپورت كەسپىنىڭ مۇلازىمىتىدىن ئايرىلالمايدىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
يول تىرانسپورت كەسپىدىن ئىبارەت مۇشۇنداق چوڭ بازار ۋە چوڭ ساھەدە مۇكەممەل بولغان قانۇن – نىزام كاپالىتى ۋە مەدىتى بولمىسا بولمايدۇ، ئەلۋەتتە. تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن ‹‹نىزام›› 2015 - يىل 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. بۇ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يول تىرانسپورت قانۇنچىلىق قۇرۇلۇشىدىكى مۇھىم ئابىدە، ئۇ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىدىن ئىبارەت يېڭى ۋەزىيەتكە ئۇيغۇن، ئۇ ج ك پ 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىدا ماقۇللانغان ‹‹دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشكە دائىر بىر قانچە مەسىلە توغرىسىدىكى قارار›› ۋە ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 8 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 8 - ئومۇمىي يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان شىنجاڭ قۇرۇشتىن ئىبارەت ئومۇمىي نىشاننى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ مۇھىم ئىپادىسى، سوتسىيالىستىك قانۇن ئىدارە قىلىدىغان دۆلەت قۇرۇشنى تېزلىتىش، تىرانسپورت كەسپىنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە قوللانغان مۇھىم تەدبىر، ئۇ يېڭى تارىخىي شارائىتتا يول تىرانسپورتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە مۇلازىمەت قىلىشىمىز ئۈچۈن پۇختا قانۇن ئاساسى يارىتىپ بەردى، ئۇ يول تىرانسپورت بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، يول تىرانسپورت كەسپىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىي قىلىشىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ.
‹‹نىزام››نىڭ ئاساسىي روھىنى چوڭقۇر چۈشىنىش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك
سوئال: يېڭى ‹‹نىزام››دا قايسى مۇھىم نۇقتىلار گەۋدىلەندۈرۈلدى؟
يول تىرانسپورتىنىڭ جەمئىيەت ۋە خەلق تۇرمۇشىغا مۇلازىمەت قىلىشى نامايان قىلىندى. ج ك پ 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ‹‹فۇنكسيەنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، مۇلازىمەتچان ھۆكۈمەت قۇرۇش›› تەلىپىگە ئاساسەن، ‹‹نىزام››غا تۈزىتىش كىرگۈزۈشتە كەسىپنى نازارەت قىلىش ۋە باشقۇرۇش كۈچەيتىلىپلا قالماستىن، يەنە جەمئىيەت ۋە خەلق تۇرمۇشىغا مۇلازىمەت قىلىشقا دائىر نۇرغۇن مەزمۇن قوشۇلدى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى ۋىلايەت، ئوبلاستلار ئارىسىدىكى يول مۇساپىسى بىرقەدەر ئۇزۇن، قىشتا قاتتىق سوغۇق بولىدۇ، قىسمەن يەرلەرنىڭ يول ئەھۋالى ياخشى ئەمەس، كىلىمات ئۆزگىرىشى بىر قەدەر چوڭ بولغاچقا، ئاپتوبۇسلاردا كاشىلا كۆرۈلگەندە ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىنمىسا، يولۇچىلار يولدا ئۇزاققىچە تۇرۇپ قالىدۇ، ھەتتا يولۇچىلارنىڭ تەن ساغلاملىقى ۋە بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يېتىدۇ. شۇڭا، ‹‹نىزام››دا نۆۋەتچى ئاپتوبۇس تىجارەتچىلىرىنىڭ ئاپتوبۇستا كاشىلا كۆرۈلۈپ داۋاملىق يۈرەلمىگەندە، بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا ئاپتوبۇس ئورۇنلاشتۇرۇپ قۇتقۇزۇشى كېرەكلىكى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.
‹‹نىزام››دا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ يېزا يولۇچىلار تىرانسپورتىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاپ، شەھەر - يېزا يولۇچىلار تىرانسپورتىنى بىرگەۋدىلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشى بەلگىلەندى. شۇنداقلا يەنە يېزا يولۇچىلار تىرانسپورتىدا رايونلار ئارا تىرانسپورت تىجارىتى، ئايلانما تىرانسپورت تىجارىتى، مەخسۇس لىنىيەلىك تىرانسپورت تىجارىتى قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللانسا بولىدىغانلىقى، ئاممىۋى قاتناش شەكلىدىكى تىرانسپورت تىجارىتى يولغا قويۇلۇپ ھەم ئاممىۋى قاتناش مالىيە قوشۇمچە پۇلى ۋە باج - ھەق ئېلىشتا ئېتىبار بېرىشتىن بەھرىمەن بولغانلارغا شەھەر كوچا ئاپتوبۇسى مۇلازىمەت ئۆلچىمى ۋە بېلەت باھاسى سىياسىتى ئىجرا قىلىنىدىغانلىقى بەلگىلەندى.
يول تىرانسپورت بىخەتەرلىكى كاپالىتى ۋە ئىجتىمائىي جامائەت بىخەتەرلىك مەجبۇرىيىتى گەۋدىلەندۈرۈلدى. بىخەتەرلىكنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، يول تىرانسپورت باشقۇرۇش ئورگانلىرى قانۇن بويىچە يول تىرانسپورت ۋە يول تىرانسپورتقا مۇناسىۋەتلىك كەسىپلەرنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشىنى نازارەت قىلىپ، يول تىرانسپورت بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ھادىسىلىرىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشىغا قاتنىشىدۇ؛ يول تىرانسپورت تىجارەتچىلىرى بىخەتەرلىك باشقۇرۇشىنى كۈچەيتىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ؛ يول تىرانسپورت تىجارەتچىلىرىدىن ئاپتوموبىل بىخەتەرلىك ئارخىپىنى تۇرغۇزۇپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ھادىسىلىرىنى ئىستاتىستىكا قىلىپ دوكلات قىلىش تۈزۈمىنى ئىجرا قىلىش تەلەپ قىلىندى. ئۇزۇن يوللۇق ئاپتوبۇسلارنىڭ شوپۇرلىرىنى سەپلەش ۋە ئاپتوموبىل ھەيدەش ۋاقتى توغرىسىدا قاتتىق بەلگىلىمە چىقىرىلدى، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا يەككە مۇساپە بويىچە 600 كىلومېتىردىن ئارتۇق، باشقا تاشيوللاردا يەككە مۇساپە بويىچە 400 كىلومېتىردىن ئارتۇق قاتنايدىغان ئاپتوبۇسلارغا ئىككىدىن ئارتۇق شوپۇر سەپلىنىدۇ، ھەر بىر شوپۇرنىڭ ئۇدا ماشىنا ھەيدەش ۋاقتى تۆت سائەتتىن ئېشىپ كەتمەيدۇ؛ ئاپتونوم رايون بويىچە بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن يول تىرانسپورت ئاپتوموبىللىرىنىڭ ھەرىكەتچان ھالىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سىستېمىسىنى قۇرۇش، ئاپتوبۇسلار، يۈك ئاپتوموبىللىرىغا دۆلەتنىڭ ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان سۇنئىي ھەمراھ ئورۇن بەلگىلەش قاتناش بىخەتەرلىكى ئۇچۇر ئۈسكۈنىسىنى ئورنىتىپ، ئاپتوموبىللارنىڭ قاتناش ئەھۋالىنى ۋاقتىدا نازارەت قىلىش ھەم ئۇچۇرنى نازارەت قىلىش سىستېمىسىنى قاتناش – تىرانسپورت باشقۇرۇش تارماقلىرى، يول قاتناش باشقۇرۇش ئورگانلىرى ۋە ج خ ئورگانلىرىنىڭ نازارەت قىلىش سۇپىسىغا ئۇلاپ، مۇناسىۋەتلىك سانلىق مەلۇماتلارنى ۋاقتىدا يەتكۈزۈش بەلگىلەندى.
‹‹نىزام››دا شىنجاڭنىڭ ھازىرقى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋەزىيىتىگە قارىتا ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قوغداش ئومۇمىيىتى كۆزدە تۇتۇلۇپ، يول يولۇچىلار، يۈك تىرانسپورت بېكەت (مەيدان)لىرىنى باشقۇرغۇچىلارنىڭ ئۆتەشكە تېگىشلىك مەجبۇرىيىتى ۋە مەسئۇلىيىتىنى بېكىتىش، خەتەرلىك بۇيۇملار، توشۇش مەنئى قىلىنغان بۇيۇملارنى تىرانسپورت مەنبەسىدە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش سالمىقىنى زورايتىش، يولۇچىلار بېكەتلىرىدە ھەقىقىي ئىسمى بىلەن بېلەت سېتىۋېلىشنى يولغا قويۇش؛ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئۈچ دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يولۇچىلار بېكەتلىرى ۋە خەلقئارا يول يولۇچىلار تىرانسپورت مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان يولۇچىلار بېكەتلىرىدە يۈك – تاق بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىلىرىنى سەپلەش ۋە ئىشلىتىش، ئاپتوبۇسلار يولغا چىقىدىغان رايونلارنى يېپىق ھالەتتە باشقۇرۇشنى يولغا قويۇش؛ يولۇچىلار بېكەتلىرىنى باشقۇرغۇچىلار تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ مۇقىملىقنى ساقلاش بىخەتەرلىكنى تەكشۈرۈش تۈزۈمى، خەتەرلىك بۇيۇملارنى تەكشۈرۈش تۈزۈمى، ئاپتوموبىللارنىڭ بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈش تۈزۈمى، بېكەتتىن چىققاندىكى بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈش تۈزۈمى ۋە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش بويىچە پاش قىلىش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش؛ يول يولۇچىلار تىرانسپورتى، شەھەر يولۇچىلار تىرانسپورتى تىجارەتچىلىرى زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، تىرانسپورت جەريانىدا يولۇچىلارنىڭ جىسمانىي، مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە دەخلى – تەرۇز يەتكۈزىدىغان قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش؛ يول يولۇچىلار تىرانسپورتى، شەھەر يولۇچىلار تىرانسپورتى تىجارەتچىلىرىنىڭ ئاپتوبۇسلاردىكى رادىيو، تېلېۋىزوردىن پايدىلىنىپ قانۇنسىز ئاۋاز چاستوتىسى ۋە سىنلىق كۆرۈنۈشلەرنى ئاڭلىتىشى ۋە كۆرسىتىشىگە يول قويماسلىق قاتارلىق تۈرلۈك بەلگىلىمىلەر بېكىتىلدى. توشۇش مەنئى قىلىنغان، چەكلەنگەن بۇيۇملارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشقا ماسلىشىش ئۈچۈن، ‹‹نىزام››دا يول يۈك تىرانسپورتى تىجارەتچىلىرى، يول يۈك تىرانسپورت بېكەت (مەيدان)لىرى ۋە يۈك تىرانسپورت ۋاكالەتچىلىرى(ۋاكالىتەن بېجىرگۈچىلەر)نىڭ توشۇش مەنئى قىلىنغان بۇيۇملارنى توشۇشىغا ياكى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا تىزگىنلىنىدىغان بۇيۇملارنى توشۇشىغا يول قويماسلىق بەلگىلەندى؛ يول تىرانسپورت بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، تىرانسپورت بازىرىدىن چېكىندۈرۈش مېخانىزمى مۇكەممەللەشتۈرۈلدى.
ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يول تىرانسپورت كەسپىنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى ‹‹نىزام››دا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يول تىرانسپورتىنى باشقۇرۇش خىزمىتى قانۇن جەھەتتىن ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ قاتناش – تىرانسپورت باشقۇرۇش تارمىقى (ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش - تىرانسپورت نازارىتى) ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يول تىرانسپورت باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ؛ ئوبلاست، شەھەر (ۋىلايەت)، ناھىيە (شەھەرلىك) قاتناش – تىرانسپورت باشقۇرۇش تارماقلىرى ئۆز مەمۇرىي رايونىنىڭ يول تىرانسپورت باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ ھەم شەھەر يولۇچى تىرانسپورتىنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى كونكرېت يولغا قويىدۇ؛ ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يول تىرانسپورت باشقۇرۇش ئاپپاراتى (ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى تىرانسپورت باشقۇرۇش ئىدارىلىرى) يول يولۇچى، يول يۈك تىرانسىپورتى ۋە يول تىرانسپورتىغا مۇناسىۋەتلىك كەسىپلەرنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى كونكرېت يولغا قويىدۇ.
ئاپتونوم رايونىمىزدا بىرلىككە كەلگەن شەھەر يولۇچى تىرانسپورتىنى باشقۇرۇش تۈزۈمى ئورنىتىلدى. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ شەھەر يولۇچى تىرانسپورتىنى باشقۇرۇش خىزمىتىدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ‹‹نىزام››دا ئاپتوبۇس يولۇچى تىرانسپورتى ۋە تاكسى يولۇچى تىرانسپورتىغا قارىتا مەمورىي ئىجازەت بېكىتىلىپ، ئىجازەت شەرتى ۋە ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك ئۆلچەم ھەم تاكسى تىجارەتچىلىرىنىڭ ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتى بېكىتىلدى.
يول تىرانسپورتىدا ئېنېرگىيە تېجەش، بۇلغىما چىقىرىشنى ئازايتىش ۋە يېشىل تەرەققىي قىلىشقا ئىلھام بېرىلدى. ‹‹نىزام››دا يول تىرانسپورت ئاپتوموبىللىرى دۆلەتنىڭ موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى تېخنىكا ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كېلىشى ھەم بەلگىلىمە بويىچە ئاسراش، ئۇنىۋېرىسال ئىقتىدارىنى تەكشۈرۈش، تېخنىكا دەرىجىسى ۋە تۈر دەرىجىسىنى بېكىتىش بەلگىلەندى. دۆلەت ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئېنېرگىيە تېجەيدىغان ۋە يېڭى ئېنېرگىيە ئىشلىتىدىغان ئاپتوموبىللار ئارقىلىق يول تىرانسىپورتى بىلەن شۇغۇللىنىشقا ئىلھام بېرىلدى.
سوئال: شىنجاڭنىڭ خەلقئارا يول تىرانسپورتى مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا مېڭىۋاتىدۇ، يېڭى ‹‹نىزام››دا بۇ ھەقتە قانداق بەلگىلىمە بار؟
رېن سۈنشىن: شىنجاڭ سەككىز دۆلەت بىلەن چېگرالىنىدۇ، بۇ ئالاھىدە جۇغراپىيەلىك شارائىت بولغانلىقتىن، ھازىر ئېچىلغان خەلقئارا يول يولۇچى، يۈك تىرانسپورت لىنىيەسى 107 گە يېتىپ، مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتارغا ئۆتتى. يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى رايونىنى ئورتاق قۇرۇشتىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك تەسەۋۋۇرنىڭ ئېھتىياجىغا ماسلىشىپ، خەلقئارا يول تىرانسپورتىنى باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، ‹‹نىزام››دا تۈۋەندىكىدەك يېڭى بەلگىلىمىلەر چىقىرىلىدى: بىرىنچىدىن، چېگرا سىرتىدىكى خەلقئارا يول تىرانسپورت ئاپتوموبىللىرى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ چېگراسى ئىچىگە كىرمەكچى بولسا، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يول تىرانسپورت ئاپتوموبىللىرىغا مۇناسىۋەتلىك سىرتقا دائىرە ئۆلچىمى، ئوقنىڭ كۆتۈرۈشچانلىقى ۋە ماسسا چەك قىممىتى ئۆلچىمى توغرىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كېلىشى، خەلقئارا يول تىرانسپورت بىلەن شوغۇللانماقچى بولسا، خەلقئارا يول تىرانسپورت ئىجازەتنامىسى ۋە مۇناسىۋەتلىك كىنىشكىلارنى ئالغان بولۇشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، مۇناسىپ جازالاش پىرىنسىپلىرى بېكىتىلدى. بۇ ماددىنىڭ بېكىتىلىشىدە قانۇن جەھەتتىن دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى تىرانسپورت تىجارەتچىلىرىنىڭ باراۋەرلىكى نامايان قىلىنىپ، دۆلىتىمىزدىكى يول تىرانسپورت تىجارەتچىلىرىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئىتى قوغدالدى؛ ئىككىنچىدىن، خەلقئارا يول تىرانسپورت ئاپتوموبىللىرىنىڭ تاموژنىدىن ئۆتۈش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، ‹‹نىزام››دا يول تىرانسپورت باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرى پورتلارنىڭ بىرلەشمە تەكشۈرۈش زالىدا قانۇن بويىچە چېگرادىن كىرىپ – چىقىدىغان خەلقئارا يول تىرانسپورت ئاپتوموبىللىرىنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈش، مۇناسىۋەتلىك تارماقلار بىلەن بىرلىشىپ تەكشۈرۈپ تامغا بېسىش، خەلقئارا يول تىرانسپورت تىجارەتچىلىرىگە بىر بېكەتلىك مۇلازىمەت قىلىش، پورتتىن ئۆتۈش قولايلىق بولۇش بەلگىلىمىسى كۆپەيتىلدى.
تىرانسپورتتا قانۇننى ئىجرا قىلىش ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك
سوئال: يېڭى ‹‹نىزام››غا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ يولغا قويۇش نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟ بۇ جەھەتتە تىرانسپورت باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرى قانداق قىلىشى كېرەك؟
رېن سۈنشىن: ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يول تىرانسپورت ساھەسى ۋە تىرانسپورتنى باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ‹‹نىزام››نىڭ چىقىرىلىشى پۇرسەت، شۇنداقلا خىرىس. پۇرسەت كەسىپكارلارنىڭ ئادىل، باراۋەر تىجارەت قىلىشىغا قانۇن مەدىتى بېرىلگەنلىكى، قانۇنلۇق تىجارەت قىلغۇچىلارنىڭ تولۇق قوغدىلىدىغانلىقىدا گەۋدىلىنىدۇ. خىرىس ساھە بويىچە ھەر قايسى تەرەپتىكى بەلگىلىمىلەرنىڭ تېخىمۇ تەپسىلىي، كونكرېت بېكىتىلگەنلىكىدە گەۋدىلىنىدۇ. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى يول تىرانسپورت باشقۇرۇش تارماقلىرىغا نىسبەتەن، مەسئۇلىيەت تېخىمۇ ئېغىر، ۋەزىپە تېخىمۇ جاپالىق. بۇ ھەر دەرىجىلىك تىرانسپورت باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرىنىڭ ‹‹نىزام››نىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى چۈشىنىشى، ئۇنىڭ ئاساسىي روھىنى ئىگىلەش ئاساسىدا، تىرانسپورتتا قانۇن ئىجرا قىلىش ئەمەلىيىتىگە ‹‹نىزام››نى ئەستايىدىل ياخشى تەتبىقلاپ، خىزمەت ئەمەلىيىتىگە ئورگانلىك بىرلەشتۈرۈشىنى تەلەپ قىلىدۇ. مۇشۇنداق قىلغاندا، ‹‹نىزام›› ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يول تىرانسپورت كەسپىدە تېگىشلىك رولىنى جارى قىلدۇرالايدۇ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا تېخىمۇ ياخشى مەدەت بېرەلەيدۇ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ئىتتىپاقلىشىپ شىنجاڭنى مۇقىملاشتۇرۇش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈش جەھەتتە تېخىمۇ ياخشى رول ئوينىيالايدۇ.
‹‹نىزام››نى ياخشى ئۆگىنىپ تەشۋىق قىلىشتا تېگى – تەكتىدىن ئېيتقاندا ‹‹نىزام››نى ئىزچىل ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ھازىرقى ۋەزىپە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يول تىرانسپورت ساھەسىدە ‹‹نىزام››نى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش دولقۇنىنى داغدۇغىلىق قوزغاپ، تەشۋىقات خىزمىتىنى ئۇدا ئېغىشماي ياخشى تۇتۇپ، يول تىرانسپورت كەسىپكارلىرىنى بۇ ‹‹نىزام››دىن تولۇق خەۋەردار قىلىش؛ ھەر دەرىجىلىك تىرانسپورت باشقۇرۇش ئورگانلىرى ۋە كەسىپكارلارنىڭ ‹‹نىزام›› ئېڭىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، كىشىلەر قەلبىگە چوڭقۇر سىڭدۈرۈپ، ئۇنى ئاڭلىق ھالدا ئەينەن ئىجرا قىلىش؛ ھەر دەرىجىلىك تىرانسپورت باشقۇرۇش ئورگانلىرىدىكى خىزمەتچى خادىملارنىڭ قانۇن – نىزامغا بويسۇنۇش، نىزام بويىچە ئىش قىلىش ئېڭىنى كۈچەيتىش، ‹‹نىزام›› قانۇن ۋە ‹‹يۇقىرى بېسىملىق توك›› دېگەن ئاڭنى كۈچەيتىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يول تىرانسپورت كەسپىنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشتىن ئىبارەت.
شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، ‹‹نىزام››نىڭ يولغا قويۇلۇشى بىلەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يول تىرانسپورت بازىرى بارغانسېرى قېلىپلىشىدۇ، يول تىرانسپورت كەسپىنىڭ ئىجتىمائىي رولى بارغانسېرى روشەنلىشىدۇ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشى، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە تېخىمۇ زور تۆھپە قوشقىلى بولىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر