4-نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ ئالتاي خەلقئارا قار-مۇز بايرىمى 28-دېكابىر ئالتاي شەھىرىدىكى گېنرال قار تېيىلىش مەيدانىدا باشلاندى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى بايرام 100 كۈن ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، بۇ مەزگىلدە قار - مۇز تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى، ئۇلۇنگۇر كۆلى قىشلىق بېلىق تۇتۇش بايرىمى، ئات بەيگىسى، چېلىشىش قاتارلىق 18 خىل ئۆزگىچە قار - مۇز پائالىيىتى ۋە تەنتەربىيە پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلىدىكەن.
4 - نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ ئالتاي خەلقئارا قار - مۇز ساياھەت بايرىمىنىڭ پائالىيەت ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى
* 2015-يىل 1-ئاي، چاڭغىدا قار تېيىلىش مۇسابىقىسى (بۇرۇلتوقاي ناھىيەسىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ)؛
* 2015-يىل 18-يانۋار 4-نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ ئالتاي خەلقئارا قار-مۇز ساياھەت بايرىمى، ئۇلۇنگۇر كۆلى قىشلىق بېلىق تۇتۇش بايرىمى (كۆكتوقاي ناھىيەسىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ)؛
* 2015-يىل 7-فېۋرال مەملىكەتلىك مارافونچە تېز سۈرئەتتە قار تېيىلىش مۇسابىقىسى (قاناس مۇسابىقە رايونىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ)؛
* 2015-يىل 2-ئاي مۇز ئۈستى بولىڭ توپ مۇسابىقىسى (ئالتاي شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ)؛
* 2015-يىل 17-فېۋرالدىن 22-فېۋرالغىچە قاناس باھار بايرىمى قار تېيىلىش لاگېرى؛
* 2015-يىل 3-ئاي ئالتاي شەھىرىدىكى پانۇس بايرىمىلىق پانۇس كۆرگەزمىسى؛