باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

جەنۇبىي شىنجاڭ يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ تۇرمۇش قوشۇمچە يادەم پۇلى ئۆستۈرۈلدى

2015.01.04 10:33         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇنىڭدىن كېيىن، جەنۇبىي شىنجاڭ يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ تۇرمۇش قوشۇمچە يادەم پۇلى ئۆلچىمى ھەربىر كىشىنىڭ ھەر ئايدا 1500 يۈەن بولىدىكەن.

  29-دېكابىر مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، شىنجاڭدا ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ ئاممىۋى مائارىپ بايلىقىنى جەنۇبىي شىنجاڭ، چەت - يىراق دېھقانچىلىق-چارۋىچىلىق رايونلىرى ۋە شەھەر-بازارلاردىكى ئاجىز مەكتەپلەرگە يۈزلەندۈرۈش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش لايىھەسى›› (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ ‹‹لايىھە›› دېيىلدى) يولغا قويۇلىدىكەن.

  ‹‹لايىھە›› دە جەنۇبىي شىنجاڭ يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ تۇرمۇش قوشۇمچە ياردەم پۇلى سىياسىتى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ئۆلچىمى پەيدىنپەي ئۆستۈرۈلىدىكەن، دائىرىسى كېڭەيتىلىپ، مەركەزنىڭ مالىيە جەھەتتىن قوللىشى قولغا كەلتۈرۈلۈپ، ياردەم بېرىش دائىرىسى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستقىچە كېڭىيىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدا ئوقۇتقۇچى قىس بولۇش مەسىلىسى ھەل قىلىنىدىكەن.

  ‹‹لايىھە›› قوش تىل مائارىپىنى ئىلگىرى سۈرۈش، مەجبۇرىي مائارىپ ئوقۇتۇش سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، مەجبۇرىي مائارىپ ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، مەجبۇرىي مائارىپ مەكتەپلىرىنىڭ ئوقۇتۇش شارائىتىنى ياخشىلاش، ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش قاتارلىق بەش تۈرلۈك مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئالتە يىل ئىچىدە شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى ناھىيەلىرىدە مەجبۇرىي مائارىپ تەرەققىياتىنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن تەڭپۇڭ بولۇشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلىدىكەن.

  بۇنىڭدىن باشقا، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، كۇچا، چىرا، يېڭىشەھەر، ئاقتۇ قاتارلىق ناھىيەلەرنى سىناق نۇقتىسى قىلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنى باشقۇرۇشتىكى تايانچ ئىقتىدار ۋە سەۋىيەنى يادرو قىلىش ئىلگىرى سۈرۈلىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر