- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


60 يىللىق ‹‹پەرۋاز›› رېكورتى
ئاپتونوم رايونىمىز پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسىنىڭ 60 يىل بىخەتەر ئۇچۇش خاتىرىسى
2015.01.04 10:31 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
بىخەتەرلىك، تىنچ - ئامانلىق بارلىق ئىشلارنىڭ ئالدىنقى شەرتى ۋە كاپالىتى. بۈگۈنكى ھاۋا قاتنىشىدا بىخەتەرلىكتىن ئىبارەت بۇ ھالقىلىق مەسىلە كۈندىن - كۈنگە كىشىلەرنىڭ دىققەت – ئېتىبارىنى قوزغىماقتا. مۇشۇ نۇقتىدىن ئالغاندا، ئاپتونوم رايونىمىز پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسىنىڭ 60 يىللىق ئۇچۇش مۇساپىسىنى بىخەتەر تاماملىغانلىقى بىزنى خۇشال قىلىدۇ ھەم ئىپتىخارلاندۇرىدۇ.
2015 - يىل 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنى ئاپتونوم رايونىمىز پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسى بىخەتەر ئۇچۇش ۋە ھاۋا مۇداپىئەسى بىخەتەرلىكىدىكى 60 - يىلىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملايدۇ. بۇ 60 يىللىق بىخەتەرلىك رېكورتى، ئەلۋەتتە، ئاسان قولغا كەلمىگەن.
ئىگىلىشىمچە، 1939 - يىلى جۇڭگو ھۆكۈمىتى بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى ھەمكارلىق ئورنىتىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدا ئەڭ بالدۇر ئېچىلغان خەلقئارالىق ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى بولغان قۇمۇل - ئۈرۈمچى - غۇلجا - ئالمۇتا ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى ئاچقان. كېيىنچە، يولۇچى مەنبەسى كەمچىل بولغانلىقتىن، بۇ لىنىيە توختىتىلغان. يىپەك يولى ئىقتىسادىنىڭ قايتا راۋاجلىنىشىغا ئەگىشىپ، 1989 - يىلى ئۈرۈمچى - ئالمۇتا ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئېچىلغان. بۇ ئۆز نۆۋىتىدە ئاپتونوم رايونىمىزدا ئېچىلغان ۋاقتى ئەڭ ئۇزاق خەلقئارالىق ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ھېسابلىنىدىكەن. ئاپتونوم رايونىمىز پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسىنىڭ 60 يىللىق بىخەتەر ئۇچۇش مۇساپىسى، ئەمەلىيەتتە، 1955 - يىل 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلانغان. 1954 - يىل 12 - ئاينىڭ 31 - كۈنى سابىق جۇڭگو - سوۋېت پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسى پاي شىركىتى سوۋېت تەرەپنىڭ بارلىق پېيىنى ئېلىمىزگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. 1955 - يىل 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنى جۇڭگو پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسى غەربىي شىمال باشقارمىسى قۇرۇلۇپ، شۇ يىلى 9 - ئايدا ئۇنىڭ نامى ئۈرۈمچى باشقارمىسىغا ئۆزگەرتىلگەن. شۇنىڭدىن باشلاپ ھازىرغىچە بولغان 60 يىلدا بىر قېتىممۇ ئاۋىياتسىيە تىرانسپورتى ھادىسىسى يۈز بەرمىگەن.
ئاپتونوم رايونىمىز پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسى 2001 - يىلىدىن 2007 - يىلىغىچە مەمۇرىيەت بىلەن كارخانىنى ئايرىش ئىسلاھاتىنى تاماملىغاندىن كېيىن، ئايرىم - ئايرىم ھالدا شىنجاڭ پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسى ئىدارىسى، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭ تارماق شىركىتى، شىنجاڭ ئايرودۇرۇم گۇرۇھى ۋە جۇڭگو پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭ ھاۋا قاتنىشى ئىدارىسى بولۇپ قۇرۇلدى. بۇنىڭ ئىچىدىكى شىنجاڭ پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسى ئىدارىسى قارىمىقىدا يەنە ئۈرۈمچى نازارەتچىلىك ئىدارىسى، ئاقسۇ ئىجرا ئىشخانىسى ۋە قەشقەر نازارەتچىلىك ئىدارىسى قۇرۇلۇپ، ئىككى دەرىجىلىك نازارەتچىلىك سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسىنىڭ تىرانسپورت بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلدى. ئۇلارنىڭ 60 يىللىق بىخەتەرلىك رېكورتى گەرچە ھازىر ئېلىمىز پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسى سېپىدە بىرىنچى ئورۇندا تۇرسىمۇ، ئەمما باشقا رايونلارغا سېلىشتۇرغاندا، بۇ نەتىجە تولىمۇ مۈشكۈل ھاۋا مۇداپىئەسى ‹‹كۈرىشى››نىڭ مەھسۇلى ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى، ئاپتونوم رايونىمىز پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسى ئېلىمىز پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسىنىڭ ھاۋا مۇداپىئەسى خىزمىتىدە باشتىن – ئاخىر يادرولۇق ئورۇندا تۇرۇپ كەلدى. خۇسۇسەن، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايرودۇرۇمى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن بۇيانقى 80 نەچچە يىلدا ئۇدا بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىپ، جۇڭگو ئاسىيا – ياۋروپا كۆرگەزمىسى قاتارلىق خەلقئارالىق چوڭ پائالىيەتلەرنىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىپىسىنى ئوڭۇشلۇق تاماملىدى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى ئايرودۇرۇملار يېقىنقى ئون نەچچە يىللىق بىخەتەرلىك ئەمەلىيىتى ئارقىلىق جامائەت خەۋپسىزلىكى، بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشى، ئوت مۇداپىئەسى، چارلاش، ھاۋا مۇداپىئەسى، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە بىر يۈرۈش قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىگە ۋە كۈچلۈك بىخەتەرلىك خادىملىرىغا ئىگە بولدى. مۆلچەرلىنىشىچە، 2015 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئايرودۇرۇملار 22گە يېتىدىكەن. نۆۋەتتە، ھاۋا قاتنىشى تارماقلىرى ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىدا بىر كۈندە ئۇچۇشقا كاپالەتلىك قىلىۋاتقان نۆۋەتچى ئايروپىلان 400دىن ئاشىدىكەن.
جۇڭگو پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭ ھاۋا قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ليۇ ۋېنسى مۇنداق دېدى: ئېلىمىزنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىگە سېلىشتۇرغاندا، ئاپتونوم رايونىمىز پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسىنىڭ ئۇچۇش مۇھىتى مۇرەككەپ، ھاۋا مۇداپىئەسى بىخەتەرلىك بېسىمى ناھايىتى ئېغىر. مۇشۇنداق شارائىتتا، ئۇچقۇچىلار، رېمونت ۋە كاپالەت ئەترەتلىرى ئۇزاق يىللىق سىناقنى باشتىن كەچۈرۈپ، كىشىنى پەخىرلەندۈرىدىغان 60 يىللىق بىخەتەر ئۇچۇش رېكورتىنى ياراتتى. بۇ بىزگە ئوخشاش ئاۋىياتسىيە خادىملىرىنىڭلا ئەمەس، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ پەخرى. ئەمما، بۇ، بىز ئۈچۈن بىر باشلىنىش، ھەرگىزمۇ ئاخىرقى نۇقتا ئەمەس. بىز داۋاملىق پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسىنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن بارلىقىمىزنى بېغىشلايمىز.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر