- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


شىنجاڭ سەھىيە ئەدلىيەلىك باھالاش مەركىزى قۇرۇلدى
2015.01.04 10:28 مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى
مۇخبىرىمىز مۇ مىن خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق ئەدلىيەلىك باھالاش پەن - تېخنىكا تەتقىقات ئورنىنىڭ شىنجاڭ سەھىيە ئەدلىيەلىك باھالاش مەركىزى 26- دېكابىر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىدا ۋىۋىسكا يوپۇقىنى ئېچىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. بۇنىڭدىن كېيىن ئادەم بەدىنىدىكى زەخىملىنىش قاتارلىق ئەدلىيەلىك باھالاشلاردىمۇ «ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى» بار بولىدىغان بولدى. قاتناش ھادىسىسى، ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش، تاسادىپىي يارىلىنىش قاتارلىق ئادەم بەدىنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان ئەدلىيەلىك باھالاشقا باشقىچە پىكرى بارلار بۇ يەردە قايتا تەكشۈرۈپ تەستىقلىتىشقا ئىلتىماس سۇنسا بولىدىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ باھالاش مەركىزى ئاپتونوم رايونلۇق ئەدلىيەلىك باھالاش پەن - تېخنىكا تەتقىقات ئورنىنىڭ قانۇن دوختۇرلۇقى تۈرى ۋە ماددىي ئىسپات تۈرىنى ئەدلىيەلىك باھالاش مۇلازىمىتى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ ئەدلىيەلىك باھالاش ئورنىغا بىرلەشتۈرۈلگەندىن كېيىن قۇرۇلغان، ئاپتونوم رايوننىڭ ئەدلىيەلىك باھالاشتىكى «بىر ئورۇندا بەش مەركەز بولۇش» نى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ تۇنجى قەدىمى ئىكەن.
«بىر ئورۇندا بەش مەركەز بولۇش» − ئاپتونوم رايونلۇق ئەدلىيەلىك باھالاش پەن - تېخنىكا تەتقىقات ئورنىدا كىلىنىكىلىك مەركەز، ماددىي ئىسپات تۈرىدىكى ئەدلىيەلىك باھالاش مەركىزى، ئەدلىيە بوغالتىرلىقىنىڭ ئەدلىيەلىك باھالاش مەركىزى، بىناكارلىق قۇرۇلۇشنى ئەدلىيەلىك باھالاش مەركىزى، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، ئورمانچىلىقنى ئەدلىيەلىك باھالاش مەركىزىنى كۆرسىتىدۇ.
بۇ مەركەزنىڭ مۇدىرى لۇ چېن مۇنداق دېدى: «بۇ مەركەزنىڭ ئۈچ فۇنكسىيەسى بار، بىرىنچىسى، ئادەم بەدىنىنىڭ زەخىمسىنى باھالاشنى سۈپەت جەھەتتىن كونترول قىلىدۇ؛ ئىككىنچىسى، باھالاش خىزمىتىدە 2- قېتىم باھالاشقا تېگىشلىكلەرنى قايتا سېلىشتۇرىدۇ، بۇ 2- دەرىجىلىك سوت مەھكىمىسىگە ئوخشايدۇ؛ ئۈچىنچىسى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى بارلىق ئەدلىيەلىك باھالاش مەركەزلىرىنىڭ ئادەم بەدىنى زەخىمسىگە مۇناسىۋەتلىك باھالاشلىرىنى سۈپەت جەھەتتىن كونترول قىلىدۇ. ئەگەر ئالاقىدار كىشى باشقا باھالاش ئورنىنىڭ باھالاش نەتىجىسىگە باشقىچە پىكرى بولسا، بۇ مەركەزدە قايتا سېلىشتۇرۇشقا ياكى قايتا باھالىتىشقا ئىلتىماس سۇنسا بولىدۇ».
ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «ئەدلىيەلىك باھالاشنىڭ ئادىللىقىغا، باراۋەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، بۇ مەركەز بۇنىڭدىن كېيىن دوختۇرخانىدىن ئايرىۋېتىلىدۇ. مەركەزنىڭ باھالاش مۇتەخەسسىسلىرى ھەرقايسى ساھەلەردىكى مۇتەخەسسىسلەردىن تەشكىللىنىپ، باھالايدىغان مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆپ خىلىقىغا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ. ئالاقىدار كىشى 1- قېتىملىق باھالاش ياكى قايتا سېلىشتۇرۇپ باھالايدىغان مۇتەخەسسىسلەرنى ئىختىيارىي تاللىسا بولىدۇ، بۇنداق بولغاندا باھالاشنىڭ توغرىلىقىغا ۋە ئادىللىقىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ».
ئىگىلىنىشىچە، ھازىرغىچە ئاپتونوم رايونىمىزدا تەستىقلىتىپ تىزىملىتىلغان ئەدلىيەلىك باھالاش ئاپپاراتىدىن 93 ى، ئەدلىيەلىك باھالىغۇچىدىن 814 ى بار ئىكەن، يىلىغا ئەدلىيەلىك دېلودىن 41 مىڭدىن كۆپرەكنى قوبۇل قىلىدىكەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر