باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان شىنجاڭ قۇرايلى

2014.12.31 17:29         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەۋەر تەپسىلاتى: ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 8-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 8-ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى 2014-يىلى 11-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن 25-كۈنىگىچە ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى. يىغىندا «ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان شىنجاڭ قۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىرى» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى. ئومۇمىي يىغىندا ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ئۆگىنىلدى ۋە ئىزچىللاشتۇرۇلدى ھەم شىنجاڭنىڭ قانۇن ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت مۇھىم مەسىلە مۇھاكىمە قىلىندى. ئومۇمىي يىغىندا شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى، باش نىشانى، ئاساسىي پىرىنسىپى ۋە ئاساسلىق ۋەزىپىلەر ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، شىنجاڭنىڭ رايون ئەھۋالىغا باب كېلىدىغان قانۇن ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشى يولىدا مېڭىپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش تەكىتلەندى. يىغىندا يەنە بۇ جەھەتتىكى چوڭ-چوڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرى بېكىتىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر