باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىلدى

يىغىندا مەركەزنىڭ ئاپتونوم رايوننىڭ رەھبىرىي يولداشلىرىنى تەڭشەش توغرىسىدىكى قارارى ئېلان قىلىندى

2014.12.31 14:29         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەركەز مۇنۇلارنى قارار قىلدى: يولداش شۆھرەت زاكىر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئەزالىقى، دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىقى، مۇئاۋىن شۇجىلىقىغا تەيىنلەندى، يولداش نۇر بەكرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىلىق، دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسىلىق، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئەزاسىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىمەيدۇ، باشقا ۋەزىپىگە قويۇلىدۇ.

  مۇخبىرىمىز فېڭ جىن خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 30-دېكابىر دائىمىي كومىتېتنىڭ (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئاچتى، يىغىندا ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەھبىرىي يولداشلىرىنى تەڭشەش توغرىسىدىكى قارارى ئېلان قىلىندى.

  مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ چىنفېڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم مەركەزنىڭ قارارىنى ئېلان قىلدى: يولداش شۆھرەت زاكىر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئەزالىقى، دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىقى، مۇئاۋىن شۇجىلىقىغا تەيىنلەندى، يولداش نۇر بەكرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىلىق، دائىمىي كومىتېت ئەزاسىلىق، پارتكوم ئەزاسىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىمەيدۇ، باشقا ۋەزىپىگە قويۇلىدۇ.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى، نۇر بەكرى، شۆھرەت زاكىر ئايرىم-ئايرىم سۆز قىلدى.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: مەركەزنىڭ بۇ قېتىمقى ئاپتونوم رايوننىڭ رەھبىرىي يولداشلىرىنى تەڭشىشى مەركەزنىڭ ئومۇمىيەتنى كۆزلەپ، خىزمەت ئېھتىياجى، كادىرلارنى ئالماشتۇرۇش روھى ۋە شىنجاڭنىڭ رەھبەرلىك بەنزىسى قۇرۇلۇشى ئەمەلىيىتىگە ئاساسەن، ئەتراپلىق مۇلاھىزە قىلىپ، ئېھتىياتچانلىق بىلەن مۇھاكىمە قىلىپ چىقارغان قارارى بولۇپ، مەركەزنىڭ شىنجاڭنىڭ رەھبەرلىك بەنزىسى قۇرۇلۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بەرگەنلىكى، مەركەزنىڭ يولداش نۇر بەكرى ۋە شۆھرەت زاكىرغا بولغان تولۇق ئىشەنچى ۋە مەركەزنىڭ شىنجاڭدىكى كادىرلارغا بولغان سەمىمىي غەمخورلۇقىنى نامايان قىلدى. مەن ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتى مەركەزنىڭ قارارىنى قەتئىي ھىمايە قىلىپ، بىزگە قويغان تەلەپلىرىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرىمىز.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: يولداش نۇر بەكرى پارتىيەمىزنىڭ مۇنەۋۋەر ئاز سانلىق مىللەت كادىرى بولۇپ، سىياسىي مەيدانى مۇستەھكەم، چوڭ ھەق-چوڭ ناھەق مەسىلىلىرىدە كاللىسى سەگەك، بايرىقى روشەن. رەھبەرلىك تەجرىبىسى مول، نەزەر دائىرىسى كەڭ، تەپەككۇرى ئېنىق، خىزمەتتە قىزغىن، جاسارەتلىك، خىزمەتلەرنى دادىل چىڭ تۇتىدۇ ۋە باشقۇرىدۇ، زىددىيەتتىن ئۆزىنى قاچۇرمايدۇ، خېلى كۈچلۈك يول ئېچىپ ئىلگىرىلەش روھى ۋە تەشكىللەش، رەھبەرلىك قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە. ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرى بويىچە ھۆكۈمەت بەنزىسىدىكى كادىرلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، پائال ئىلگىرىلەپ، خىزمەتلەرنى پۇختا ئىشلەپ، دۆلەت بىخەتەرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش، يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈش، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقنى زامانىۋىلاشتۇرۇش، يېڭىچە شەھەرلەشتۈرۈش قەدىمىنى تېزلىتىش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ۋە كاپالەتلەندۈرۈش، مەمۇرىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم، ئۈنۈملۈك خىزمەتلەرنى ئىشلىدى. كەسىپچانلىقى، مەسئۇلىيەتچانلىقى كۈچلۈك بولۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىلىقنى قوغداشنىڭ ئالدىنقى سېپى ۋە ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ۋە نۇقتىلىق قۇرۇلۇش نەق مەيدانلىرىغا بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، مۇرەككەپ مەسلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىپ، ھەر مىللەت ئامما بىلەن چوڭقۇر رىشتە ئورناتتى، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن تىرىشىپ ئىشلەپ، مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشتى. جاڭ چۈنشيەن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقىگە ۋاكالىتەن يولداش نۇر بەكرىگە سەمىمىي رەھمەت ئېيتتى، ئۇنىڭ يېڭى رەھبەرلىك ئورنىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجە يارىتىپ، ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: يولداش شۆھرەت زاكىر سىياسىيدا قەتئىي، يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن باشتىن-ئاخىر يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، پارتىيە ئىنتىزامى، بولۇپمۇ سىياسىي ئىنتىزام، تەشكىلىي ئىنتىزامغا قاتتىق رىئايە قىلىپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەتئىي قوغداپ كەلدى، چوڭ ھەق-چوڭ ناھەق مەسىلىلىرىدە كاللسى سەگەك، بايرىقى روشەن. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كۆپ ئورۇن ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئورگىنىدا رەھبەرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن، ھۆكۈمەت خىزمىتى، ئىقتىساد خىزمىتى ۋە قانۇنچىلىق خىزمىتىگە پىششىق، تەجرىبىسى مول، تەپەككۇرى ئوچۇق، ئومۇمىيەتنى كۆزدە تۇتۇش ۋە تەشكىللەش، ماسلاشتۇرۇش ئىقتىدارى كۈچلۈك. بولۇپمۇ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسىنى زىچ چۆرىدەپ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەنزىسىدىكى كادىرلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، «ھۆكۈمەت ۋە ئىككى مەھكىمە»نى نازارەت قىلىش مەجبۇرىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان شىنجاڭ قۇرۇشنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈردى. مەركەزنىڭ يولداش شۆھرەت زاكىرنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومىنڭ ئەزالىقى، دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىقى، مۇئاۋىن شۇجىلىقىغا تەيىنلەش قارارى ئاپتونوم رايوننىڭ رەھبەرلىك بەنزىسىنى كۈچەيتكەنلىكى. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار مەركەزنىڭ قارارىنى يۈكسەك سىياسىي مەسئۇلىيەت ئېڭى بىلەن قەتئىي ھىمايە قىلىپ ۋە ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىدىيەسىنى مەركەزنىڭ قارارى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يولداش شۆھرەت زاكىرنىڭ خىزمەتلىرىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللاپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ سىجىللىقى ۋە مۇقىملىقىنى تىرىشىپ ساقلاپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنى خاتىرجەم قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ئاممىنى رازى قىلىشى كېرەك.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: كېلەر يىلى، ئىسلاھات ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇلىدىغان ئاچقۇچلۇق يىل، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش باشلىنىدىغان يىل، 12-بەش يىللىق يىرىك پىلان ئاخىرلىشىدىغان يىل، شۇنداقلا ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى. بىز پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى، ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-، 4-ئومۇمىي يىغىنى ۋە مەركەزنىڭ 2-قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى، مەركەزنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق 8-قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيى ۋە ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 8-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 6-، 7-، 8-ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك نىشانىنى چۆرىدەپ، كېلەر يىللىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنى كۈچەپ ياخشى ئىشلەپ، ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى ئەلا نەتىجىلىرىمىز بىلەن كۈتۈۋېلىشىمىز كېرەك. يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ئىسلاھ قىلىپ، ئۆزگىرىش ياساپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىمىزگە ئېلىپ، ئىناق-ئىتتىپاق، گۈللەنگەن، باي، مەدەنىي، ئالغا باسىدىغان، خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇش يولىدا تىرىشىپ كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك!

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق قۇرۇلتىيى، خەلق ھۆكۈمىتى، سىياسىي كېڭەش رەھبەرلىك بەنزىسى ئەزالىرى، شىنجاڭ ھەربىي رايونىنىڭ قوماندانى، سىياسىي كومىسسارى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى پارتكومى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، مۇئاۋىن قوماندانلىرى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق تەپتىش مەھكىمىسى رەھبەرلىك بەنزىسىدىكى باش ۋەزىپىدىكىلەر، قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتىنىڭ قوماندانى، سىياسىي كومىسسارى يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر