باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئامېرىكا ئارمىيەسى ‹‹ ئىسلام دۆلىتى ›› گە بىر كۈندە 13 قېتىم ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى

2014.12.30 15:43         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە ، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ بىر باياناتىدا : ئامېرىكا رەھبەرلىك قىلغان ئىتتىپاقداش ئارمىيە 28-دېكابىر رادىكال تەشكىلات ‹‹ ئىسلام دۆلىتى ›› گە يەنە بىر قېتىم ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىپ ، سۇرىيە چېگرىسىدىكى نىشانلارنى سەككىز قېتىم ، ئىراق چېگرىسىدىكى نىشانلارنى بەش قېتىم بومباردىمان قىلدى، دېيىلگەن .

  ئامېرىكا ئارمىيەسى ‹‹ ئىسلام دۆلىتى ›› گە بىر كۈندە 13 قېتىم ھاۋا ھۇجۇم قىلدى

  بىرلەشمە ئالاھىدە قىسىم مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: ھاۋا ھۇجۇمى سۇرىيەنىڭ تۈركىيە - سۇرىيە چېگرىسىدىكى ئاساسلىق بازار كېبانى ئەتراپىغا ۋە ئىراقنىڭ سىنجار ، ماۋسىل ئەتراپىغا مەركەزلەشتى .

  مۇشۇ ئاينىڭ 18-كۈنى ئامېرىكا ئارمىيەسى ئىشتاب باشلىقلىرى بىرلەشمە يىغىنىنىڭ رەئىسى دېمسېينىڭ ئاشكارلىشىچە، ئامېرىكا ئارمىيەسى يېقىندا ‹‹ ئىسلام دۆلىتى ›› گە قارىتا ئېلىپ بارغان ھاۋا ھۇجۇمىدا بۇ تەشكىلاتنىڭ ئۈچ نەپەر يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبىرىنى يوقاتقان. ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، ‹‹ ئىسلام دۆلىتى ›› 8-ئايدىن ھازىرغا قەدەر 1361 قېتىم ھاۋا ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان.

  ئامېرىكا ئارمىيەسى مەركىزىي قوماندانلىق ئىشتابى ISIS نىڭ تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن يېڭىدىن بىر بىرلەشمە ئالاھىدە ئۇرۇش قىلىش قوماندانلىق ئىشتابىنى قۇرغان، تېررىي باش قوماندان بولغان .

  تېررىي مۇنداق دېدى : بۇ ئالاھىدە قىسىمنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى : 1. ISIS قا زەربە بېرىدىغان خەلقئارا ئىتتىپاقنى ماسلاشتۇرۇش ؛ 2. ISIS نىڭ ئىراق ۋە سۇرىيە ئىككى دۆلەتتىكى كۈچلىرىنى پارچىلاش ۋە يوقىتىش ؛ 3. ئىراق ھۆكۈمەت ئارمىيەسىنى مەشىقلەندۈرۈپ ، ئۇرۇش قىلىش كۈچىنى ئاشۇرۇش .

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر