باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

جۇڭگو گېزىتى ‹‹21-ئەسىر لوڭقىسى›› مەملىكەتلىك ئىنگلىزتىلى نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسىنىڭ شىنجاڭ رايونى مۇسابىقىسى ئاياغلاشتى

2014.12.30 15:40         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇيەسسەر ئاباھامىت خەۋەر قىلىدۇ: جۇڭگو گېزىتىنىڭ كوكاكولا شىركىتى ئۇيۇشتۇرغان، بۇ گېزىتنىڭ شىنجاڭ پونكىتى بىلەن شىنجاڭ ‹‹ئاتلان›› مائارىپ - پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان 20 - نۆۋەتلىك جۇڭگو گېزىتى ‹‹21 - ئەسىر لوڭقىسى›› مەملىكەتلىك ئىنگلىز تىلى نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسىنىڭ شىنجاڭ رايونى مۇسابىقىسى 21 - دېكابىر شىنجاڭ ‹‹ئاتلان›› مائارىپ – پەن - تېخنىكا مەركىزىدە ئاياغلاشتى.

  ئۇقۇشىمچە، ‹‹21 - ئەسىر لوڭقىسى›› ئىنگلىز تىلى نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى ئېلىمىزدىكى ئۈچ چوڭ ئىنگلىز تىلى مۇسابىقىسىنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ مۇسابىقىگە 20 يىلدىن بۇيان ئاپتونوم رايونىمىزدىن بىرمۇ ئوقۇغۇچى قاتنىشىپ باقمىغان ئىكەن. جۇڭگو گېزىتى بۇ قېتىمقى مۇسابىقىگە شىنجاڭدىنمۇ ئوقۇغۇچى قاتناشتۇرۇش ئۈچۈن، شىنجاڭ رايونىدا مۇسابىقە مەيدانى تەسىس قىلىپ، بۇ ۋەزىپىنى شىنجاڭ ‹‹ئاتلان›› مائارىپ - پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتىگە تاپشۇرغان. شىنجاڭ ‹‹ئاتلان›› مائارىپ – پەن – تېخنىكا چەكلىك شىركىتى توردا ۋە نەق مەيداندا تىزىملاش ئارقىلىق ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى مۇسابىقىگە ئۇيۇشتۇرغان.

  بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە بىرىنچى بولغان شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ھاۋاگۈل ئىسلام مەملىكەتلىك مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن، مەملىكەتلىك مۇسابىقىدە بىرىنچى بولغان ماھىر ئەنگلىيەنىڭ لوندون شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان ‹‹21 - ئەسىر لوڭقىسى›› ئىنگلىز تىلى نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر