- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


جۇڭگو-ئوتتۇرا ئاسىيا پەن-تېخنىكا ھەمكارلىق مەركىزى شىنجاڭدىكى تۇنجى خەلقئارا ئىجادىيەت باغچىسى بولۇپ قالدى
2014.12.10 15:31 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئاپتونوم رايونلۇق پەن-تېخنىكا نازارىتىدىن ئىگىلىنىشىچە، ئالدىنقى كۈنى جۇڭگو-ئوتتۇرا ئاسىيا پەن-تېخنىكا ھەمكارلىق مەركىزى پەن-تېخنىكا مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن دۆلەتلىك خەلقئارا پەن-تېخنىكا ھەمكارلىق بازىسى (خەلقئارا ئىجادىيەت باغچىسى تۈرى) بولۇپ بېكىتىلدى. بۇ شىنجاڭدىكى تۇنجى خەلقئارا ئىجادىيەت باغچىسى بولۇپ قالدى.
نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىز جۇڭگو-ئوتتۇرا ئاسىيا پەن-تېخنىكا ھەمكارلىق مەركىزى قۇرۇشنى تېزلەتمەكتە، ھەمدە بۇنى ۋاستە قىلىپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق يېڭى يىپەك يولى ئىقتىسادىي بەلبىغى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. بۇ مەركەز ھازىرقى باسقۇچتا جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ پەن-تېخنىكا ھەمكارلىق پائالىيىتىنى تەشكىللەپ ماسلاشتۇرۇش ۋە مۇلازىمەت قىلىش قاتارلىق فۇنكىسسىيەلەرنى جارى قىلدۇرىدۇ ھەمدە تەدرىجىي ھالدا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر ئارا پەن-تېخنىكا ھەمكارلىق مەركىزى بولۇشقا تەرەققىي قىلىدۇ.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر