خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، شىنجاڭ لوپنۇر ياۋا تۆگە دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي قوغداش رايونى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشقۇرۇش رايونى ئالتۇنتاغ تاغلىق رايونىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان قىزىل ئېنىفرا نۇرلۇق ئاپپارات تۇنجى قېتىم دۆلەت بىرىنچى دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ھايۋان يىلپىزنى سۈرەتكە تارتىۋىلىپ، بۇ قوغداش رايونىدىكى ياۋايى ھايۋاناتلار سۈرەت ئامبىرىنى يەنىمۇ بىيىتىپ، يىلپىز سانى، تارقالغان جايى شۇنداقلا تۇرمۇش مۇھىتى قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم ماتېرىيال بىلەن تەمىنلىدى.
شىنجاڭ لوپنۇر ياۋا تۆگە دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي قوغداش رايونى باشقۇرۇش ئىدارىسى 2013-يىلى 4-ئايدىن باشلاپ ئېنىفرا قىزىل نۇر ئارقىلىق قوزغىلىدىغان ئاپپارات ئارقىلىق دالىنى كۆزىتىش تۈرىنى يولغا قويغاندىن بۇيان، قوغداش رايونىدىكى ئالتۇنتاغنىڭ شىمالىي ئېتەكلىرىگە جايلاشقان توققۇز سۇ مەنبەسىگە ئايرىم ـ ئايرىم 20 نەچچە ئېنىفرا قىزىل نۇر ئارقىلىق قوزغىلىدىغان ئاپپارات ئورنىتىلغان ئىدى.