- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


بايدا مۇھت ئاسراش، ئېنىرگىيە تىجەش تىپىدىكى ئىس-تۈتەكسىز تونۇر ئىشلەتكەنلەر تارتۇقلاندى
2014.11.26 15:41 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قۇربان سايىم خەۋىرى: باي ناھىيە بازىرىنىڭ «قۇتاد» شەھەرچىسىدە ئوسمان مۇھەممەد بىلەن ئابلىز ئابلىكىم بىرلىشىپ ئاچقان زامانغا لايىق «ئەلھۇزۇر نانلىرى» ناۋايخانىسىغا جۇڭگو كەشپىياتچىلار جەمئىيىتىنىڭ پەخىرىي ئەزاسى، ماشىنىسازلىق ئالىي ئىنژېنېرى، شىنجاڭ ئالاھىدە يېمەك-ئىچمەكلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش ئۈسكۈنىلىرى تەتقىقات كومتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ماگىستېر ئاسپىراتى، مىللىتىمىزدىن چىققان جۇڭگو ياش-ئۆسمۈرلەر پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مۇكاپاتىنىڭ تۇنجى ساھىبى، ئۈرۈمچى كائىنات شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ئېلىجان رەسۇل باشچىلىقىدا ياسىلىپ چىققان پاتېنتلىق مەھسۇلات ــــ مۇھىت ئاسراش، ئېنېرگىيە تېجەش تىپىدىكى ئىس-تۈتەكسىز تونۇر سەپلەنگەن بولۇپ، تەبىئىي گاز يېقىلغۇ قىلىنىدىغان بۇ تونۇردا تەركىبى سۈت، ماي، ياڭاق، گازىر مېغىزى، كۈنجۈت، تۇز، ئۇن خام ئەشيا قىلىپ يېقىلغان نانلىرى شەكلىنىڭ كۆركەملىكى، تەمىنىڭ ياخشىلىقى، ئوزۇقلۇق قىممىتىنىڭ يۇقىرىلىقى بىلەن جامائەتنىڭ ياقتۇرۇپ ئىستېمال قىلىشىغا ئېرىشىپ، توي-تۆكۈن، تۈرلۈك يىغىلىش ۋە ئائىلىلەردە داستىخان ئۈستىدىكى ئەتىۋار مەھسۇلاتقا ئايلانغان، نان تۈرلىرىمۇ قەدىر نانلىرى، خاسىڭ نان، كۈنجۈت نان، گازىر نان، ئاق نان، تۇخۇم-سۈت نان، ئەل ھۇزۇر ئالاھىدە نانلىرى......غىچە كېڭەيگەن. بۇ نانلار شەكىل، رەڭ، خۇش پۇراق، تەم قاتارلىقلارنى بىردەك ئۆزىگە مۇجەسسەم قىلغان بولۇپ، تەمىنىڭ ئۆزگىچىلىكى بىلەن خېرىدارلارنىڭ ياقتۇرۇپ ئىستېمال قىلىشىغا ئېرىشكەنلىكتىن، ناۋايلار بەس-بەستە زىيارەت قىلىپ، بۇ تونۇرغا قىزىقىپ قالدى. نەتىجىدە ھازىرغىچە بۇ خىل تونۇر باي ناھىيەسىدە كۆپىيىشكە باشلىدى.
يېقىندا، ناھىيەدىكى مۇھت ئاسراش، ئېنېرگىيە تېجەش تىپىدىكى ئىس-تۈتەكسىز تونۇر ئىشلەتكەن 15 ناۋاي دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، مۇھىت بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا تۆھپىسى بار، دەپ قارىلىپ، جەمىئىي 90 مىڭ يۈەن ياردەم مەبلىغىگە ئېرىشتى.
مۇھەررىر: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر