- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئۈرۈمچىدىكى قار تېيىلىش مەيدانلىرى ھەپتە ئاخىرىدا تىجارەت باشلايدۇ
2014.11.21 13:55 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
مۇخبىرنىڭ 19-نويابىر ئۈرۈمچى ‹‹ يىپەك يولى ›› خەلقئارالىق ئىستىراھەت رايونى ، شىنجاڭ ‹‹ ئاق بۇلۇت ›› قار تېيىلىش مەيدانى قاتارلىق بىر قانچە قار تېيىلىش مەيدانلىرىدىن ئىگىلىشىچە ، ھەر قايسى قار تېيىلىش مەيدانلىرى مۇشۇ ھەپتىنىڭ ئالتىسىدىن باشلاپ تىجارەت باشلايدىكەن .
ئىگىلىنىشىچە ، ھەر يىلى 11-ئاينىڭ ئاخىرى قار تېيىلىش مەيدانلىرىدا تىجارەت باشلاش مۇنتىزىملىشىپ ، قار تېيىلىش كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ قىشلىق كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالغان . بۇ يىل قىش پەسلى كېچىكىپ كىرىپ ، قار ئاز ياغقانلىقتىن ھەر قايسى قار تېيىلىش مەيدانلىرى 11-ئاينىڭ بېشىدىلا سۇنئىي قار ياغدۇرۇپ ، قار تېيىلىش يوللىرىنى ياساپ بولغان .
بۇ يىل ھەر قايسى قار تېيىلىش مەيدانلىرى ھەر خىل باھادا ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرنى قوللىنىدىكەن ، بۇنىڭ ئىچىدە ‹‹ يىپەك يولى ›› خەلقئارالىق ئىستىراھەت رايونى 22-نويابىرىدىن 30-نويابىرغىچە ‹‹ قىشلىق ساياھەت كەسىپى سودا كۆرگەزمىسى ›› ئېتىبار باھا پائالىيىتىنى يولغا قويغان بولۇپ ، ئادەتتە تۆت سائەت قار تېيىلغىلى بولىدىغان باھادا بىر كۈن قار تېيىلغىلى بولىدىكەن ، ‹‹ ئاق بولۇت ›› خەلقئارالىق قار تېيىلىش مەيدانىمۇ ئوخشىمىغان ۋاقىتلاردا ئوخشىمىغان ئېتىبار باھا پائالىيەتلىرىنى يولغا قويىدىكەن .
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر