خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 27-ئۆكتەبىر، تاۋباۋ تورىنىڭ «بىر سېكۇنتتا مىننەتدارلىق سوۋغىسى تالىشىش» پائالىيىتى باشلانغان بولۇپ، 200 قاپ ئاقسۇ ئالمىسى بىر سېكۇنت ئىچىدە سېتىلىپ تۈگىدى.
24-ئۆكتەبىر «2014-يىللىق شىنجاڭ تور مەدەنىيىتى بايرىمى ــ ئاقسۇ ئالمىلىرى قىزاردى» چوڭ تىپتىكى تور مەدەنىيەت پائالىيىتى باشلاندى، ئاقسۇ خوڭچىپو مەيدانىنىڭ ئىككى تۈمەن ئالمىسى بىر تۈمەن قاپقا سېلىنىپ، بىر تۈمەن پارچە بەخت تىلەش كارتىسى بىلەن بىرلىكتە مەملىكەتنىڭ جاي-جايلىرىغا ئەۋەتىلىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئىچكىرىدىكى ھەرمىللەت قېرىنداشلارغا بولغان تىلەكلىرى، مىننەتدارلىقى ۋە سەمىمىي قارشى ئېلىش ھېسسىياتىنى يەتكۈزدى. بۇ قېتىملىق پائالىيەتتە ئۇيۇشتۇرغۇچى تەرەپ ئالايىتەن 5000 قاپ ئالمىنى تاۋباۋ تورىدا تورداشلارنىڭ تالىشىشىغا قويدى. 27-ئۆكتەبىردىن باشلاپ تاۋباۋ تورى سائەت 10، 15، 20، 22 ۋە 24 بەش ۋاقىت بۆلىكىنىڭ ھەربىرىدە 200 قاپتىن ئالمىنى مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى تورداشلارنىڭ تالىشىشىغا قويدى. تالىشىپ ئالالىغان تورداشلار بىر پۇڭ تۆلىسىلا ئايروپلاندا ھەقسىز يەتكۈزۈلگەن ئاقسۇ ئالمىسىنىڭ شېرىن تەمىدىن ھوزۇرلىنالايدۇ.
مەنبە: خەلق تورى