- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


كادىرلار دېھقانلارنىڭ ئۆيىگىچە بېرىپ يەر كېنىشكىسى بېجىرىپ بېرىپ، دېھقانلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى
2014.10.24 23:19 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قۇربان سايىم خەۋىرى: يېقىندىن بۇيان، باي ناھىيەلىك دۆلەت زىمىن بايلىقى ئىدارىسىدىكى كادىرلار دېھقانلارغا قولايلىق يارىتىپ، دېھقانلارغا مۇلازىمەت قىلىشنى پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشىيەن تەربىيە-ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشتىكى بىر تۈرلۈك يېڭى تەدبىر قىلىپ، يىراق يېزا-بازارلاردىكى دېھقانلارنىڭ ئائىلىسىگىچە بېرىپ، يەر كىنىشكىسى بېجىرىپ بېرىپ، دېھقانلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.
نۆۋەتتە، ناھىيەلىك دۆلەت زېمىن بايلىقى ئىدارىسى قاراباغ يېزىسى، قېيىر يېزىسى، ياقائېرىق بازىرى قاتارلىق يىراق يېزا–بازارلاردىكى 274 دېھقان ئائىلىسىگىچە بېرىپ، 274 يەر كېنىشكىسى بېجىرىپ ۋە يەر تەۋەلىكى ئارخىبى تۇرغۇزۇپ، كىنىشكىنى دېھقانلارنىڭ قولىغا تۇتقۇزدى.
مۇھەررىر: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر