ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئابلىمىت سوپىھاجى خەۋىرى، فوتوسى: قەشقەر شەھىرىنىڭ قاتناش سىستېمىسى تەۋەلىكتىكى ئاممىۋى ئابتوبوس شىركىتى، تاكسى شىركەتلىرىدىكى ئىشچى-خىزمەتچى ۋە شوپۇرلارنىڭ كۈندۈزى ئالدىراش بولۇشتەك ئەمەلىيەتكە قارىتا، 10- ئاينىڭ 22- كۈنى كەچتە مىڭغا يېقىن كىشىنى كەڭ كۆلەمدە تەشۋىقات پائالىيىتىگە تەشكىللىدى، مەخسۇس تەكلىپ قىلىنغان تەشۋىقاتچى خادىملار ئۇلارغا «لاياقەتلىك ئاتا-ئانىلاردىن بولايلى»، «دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ ماھىيىتى ۋە زېيىنى» توغرىسىدا لىكسىيە سۆزلەپ بەردى.