- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېڭىچە نوپۇس باشقۇرۇش تۈزۈمى قانداق ئورنىتىلىدۇ؟
2014.10.22 10:58 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
ئالاقىدار مەسئۇللار ‹‹ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ نوپۇس باشقۇرۇش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى››نى يېشىپ بەردى
سۈي يۈنيەن
ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى 30 – سېنتەبىر ‹‹ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ نوپۇس باشقۇرۇش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى››نى ئېلان قىلدى. بۇ قېتىمقى نوپۇس باشقۇرۇش تۈزۈمى ئىسلاھاتى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا زور تەسىر كۆرسىتىدۇ، شۇ سەۋەبتىن 19 – ئۆكتەبىر ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتى ئامانلىق ساقلاش باش ئەترىتى نوپۇس باشقۇرۇش تارماق ئەترىتىنىڭ باشلىقى شۈ تەيجىنى زىيارەت قىلىپ، ئۇنى بۇ پىكىرنى يېشىپ بېرىشكە تەكلىپ قىلدىم.
دېھقانلار شەھەرگە ئىختىيارىي كىرىپ، ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ
سوئال: بۇ قېتىمقى نوپۇس ئىسلاھاتى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ نوپۇس باشقۇرۇش تۈزۈمىگە قانداق زور ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ؟
شۈ تەيجى: ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ نوپۇس باشقۇرۇش تۈزۈمى ئىسلاھاتىدا بىرىنچى، يېزا يۆتكەلمە ئاھالىسى ۋە باشقا دائىملىق نوپۇسنىڭ شەھەر، بازارلاردا ئولتۇراقلىشىشىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، شەھەر، بازارلاردا ئىشقا ئورۇنلىشىپ، ئولتۇراقلاشقان يېزا يۆتكەلمە ئاھالىسى ۋە باشقا دائىملىق تۇرۇشلۇق ئاھالىنىڭ ئىچىدىكى نوپۇسقا ئولتۇرغۇزۇلمىغانلارنى يەرلىكنىڭ ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتىدىن تەدرىجىي بەھرىمەن قىلدۇرۇش كېرەك. ئىككىنچى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرگەن ئاساستا، جەمئىيەت باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش چىقىش نۇقتىسى قىلىنىپ، ‹‹نوپۇسى يوقلارنى نوپۇسقا ئولتۇرغۇزۇش ۋە ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم بەرپا قىلىش›› مەزمۇنى كۆپەيتىلدى؛ كۆچمە نوپۇس مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش چىقىش نۇقتىسى قىلىنىپ، ‹‹كۆچمە نوپۇس قولايلىق ئالاقە كارتىسى تۈزۈمىنى يولغا قويۇش›› قاتارلىق مەزمۇنلار كۆپەيتىلدى. ئۈچىنچى، ‹‹گوۋۇيۈەننىڭ نوپۇس تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكرى››گە بىرلەشتۈرگەن ئاساستا، يېزا (چارۋىچىلىق) يۆتكەلمە ئاھالىسىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، يېزىلار(چارۋىچىلىق رايونلىرى)نىڭ مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتىنىڭ قاپلاش دائىرىسىنى كېڭەيتىش، ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتىنىڭ مالىيە كاپالىتىنى كۈچەيتىش قاتارلىق تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
سوئال: بۇ قېتىمقى نوپۇس تۈزۈمى ئىسلاھاتى قانداق خىزمەت پىرىنسىپى ۋە ئۇسۇلى بويىچە ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ؟
شۈ تەيجى: نوپۇس تۈزۈمى ئىسلاھاتى مۇرەككەپ سىستېما قۇرۇلۇشى بولۇپ، دۇچ كېلىدىغان ئەھۋال مۇرەككەپ، ئەھمىيەت بېرىشكە تېگىشلىك ئامىللار كۆپ، بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى زور. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ شەھەر، يېزا ۋە رايون تەرەققىياتىدا پەرق چوڭ بولۇپ، تەڭپۇڭلاشتۇرۇش تەس؛ نۇرغۇن جامائەت مۇلازىمىتى ۋە ئىجتىمائىي پاراۋانلىق سىياسىتى ئۇزاقتىن بۇيان نوپۇسقا بىۋاسىتە چېتىلغان بولۇپ، ئۇنى ئايرىش تەس؛ تۈرلۈك كوللېكتىپ تەرەققىي قىلىش ئارزۇسى ۋە مەنپەئەت تەلەپلىرى كۆپ خىل. بۇ چوڭقۇر قاتلاملىق زىددىيەتلەر نوپۇس تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇرەككەپلىكى، مۇشەققەتلىكى ۋە ئۇزاق مۇددەتلىكلىكىنى بەلگىلىگەن بولۇپ، جەزمەن مەۋقەنى ھازىرغا قويۇش، يىراقنى كۆزلەش، ھەر تەرەپلىمە سىياسەت يۈرگۈزۈش، بىرلىكتە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش كېرەك.
ئاپتونوم رايونىمىز بۇنىڭغا قارىتا نوپۇس تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئىگىلەش زۆرۈر بولغان تۆت پىرىنسىپنى ئوتتۇرىغا قويدى: بىرىنچى، پائال، سىلىق، قېلىپلىق، تەرتىپلىك بولۇشتا چىڭ تۇرۇش، ئالدىراقسانلىق قىلماسلىق، قارىغۇلارچە ئىش كۆرمەسلىك، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كەلمەسلىكتىن، ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشقا ئالدىراشتىن ساقلىنىش كېرەك. ئىككىنچى، ئادەمنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، ئاممىنىڭ پىكرى ۋە ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلىش، شەھەرگە كىرىش – كىرمەسلىك، قانداق ۋاقىتتا شەھەرگە كىرىش، قايسى شەھەرگە كىرىش مەسىلىسىنى ئاممىنىڭ تاللىشىغا قويۇش، دېھقانلارنى ‹‹شەھەرگە مەجبۇرىي ئەكىرىپ نوپۇسقا ئولتۇرغۇزۇش››تىن قەتئىي ساقلىنىش كېرەك. ئۈچىنچى، ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن ئىش كۆرۈشتە چىڭ تۇرۇش، پەرقلىق مۇئامىلە قىلىش كېرەك. بۇ دېگەنلىك يەرلىكنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات سەۋىيەسى ۋە ئۇنىۋېرسال ئۈستىگە ئېلىش ئىقتىدارىنى تولۇق ئويلىشىش، ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتى ئىقتىدارى بىلەن تەمىنلەشنى جايلار مەركەزنىڭ ئومۇمىي تەلىپى ۋە سىياسىتى بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن ئىش كۆرۈپ، پەرقلىق نوپۇسقا ئېلىش سىياسىتى قوللىنىش، ئىشتات تەقسىم قىلماسلىق، قاتلاممۇ قاتلام شەرت قويماسلىق، يەرلىككە پۇرسەت قالدۇرۇش كېرەك. تۆتىنچى، بىر تۇتاش پىلانلاپ يۈرۈشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش، ئاساسىي كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك. مائارىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، داۋالىنىش، كۈتۈنۈش، تۇرالغۇ كاپالىتى قاتارلىق شەھەر، بازارلارنىڭ ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتىنىڭ قاپلاش دائىرىسىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىش، شەھەر، بازارلارنىڭ ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتىنىڭ ئاساسلىقى يەرلىك نوپۇسنى تەمىنلەشتىن دائىملىق نوپۇسنى تەمىنلەشكە ئۆزگىرىشىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈش، ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتىنىڭ تەڭپۇڭ بولۇشىنى تېز ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.
شەھەر مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولۇش بىلەن بىللە ئەسلىدىكى ھوقۇق – مەنپەئەت داۋاملىق كاپالەتكە ئىگە بولىدۇ
سوئال: شەھەر، يېزىلارنىڭ بىرلىككە كەلگەن نوپۇس تىزىملاش تۈزۈمىنى بەرپا قىلىشنىڭ قانداق ئەھمىيىتى بار؟
شۈ تەيجى: بۇ قېتىمقى نوپۇس تۈزۈمى ئىسلاھاتىدا: يېزا نوپۇسى بىلەن شەھەر نوپۇسىنىڭ خاراكتېر پەرقى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، بىردەك ئاھالە نوپۇسى، دەپ تىزىمغا ئېلىنىدۇ، بۇ نوپۇس تۈزۈمىنىڭ نوپۇسنى تىزىملاپ باشقۇرۇش فۇنكسىيەسىنى نامايان قىلغان. بۇ شەھەرلىكلەر بىلەن يېزىلىقلارنىڭ سالاھىيەت جەھەتتىكى بىردەكلىكىنى نامايان قىلىپ، نەچچە ئون يىلدىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان شەھەر بىلەن يېزىنى ئايرىش نوپۇس ئەندىزىسىنى بۇزۇپ تاشلىدى، بۇ جەمئىيەت تەرەققىياتىدا بېسىلغان بىر چوڭ قەدەم، بۇنىڭغا ماس قەدەمدە شەھەر، يېزىلارنىڭ بىرلىككە كەلگەن نوپۇس تۈزۈمىگە ماس كېلىدىغان مائارىپ، سەھىيە – پىلانلىق تۇغۇت، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىجتىمائىي كاپالەت، تۇرالغۇ، يەر ۋە نوپۇس ئىستاتىستىكا تۈزۈمىنى بەرپا قىلىش، شەھەر، يېزىلاردىكى ئاھالىنىڭ جامائەت مۇلازىمىتى ۋە ئىجتىمائىي پاراۋانلىق تەمىناتىدىن باراۋەر بەھرىمەن بولۇشىنى تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.
نوپۇسنى تىزىملاش تۈزۈمى بىرلىككە كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن، نوپۇس بويىچە شەھەرلىك ۋە يېزىلىق، دەپ ئايرىش ئەمەلدىن قالىدۇ. ئەكسىچە، تۇرۇشلۇق جايىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن شەھەر، بازار نوپۇسى ۋە يېزا نوپۇسى، شۇغۇللانغان كەسپىگە ئاساسەن يېزا نوپۇسى ۋە شەھەر نوپۇسى، دەپ پەرقلەندۈرۈلىدۇ. شەھەر، يېزىلارنىڭ تەرەققىياتى تەڭپۇڭ بولمىغانلىقتىن، يېزىلاردا ئولتۇراقلاشقان ئاھالە بىلەن شەھەرلەردە ئولتۇراقلاشقان ئاھالىنىڭ ئىلگىرىكى تەمىنات پەرقىنىڭ تۈگىتىلىشىگە مەلۇم جەريان كېتىدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشنى، شەھەر، يېزىلارنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى، يېزىلاردىكى يەرلەرنىڭ ھوقۇقىنى بېكىتىش، تىزىملاش، كىنىشكا تارقىتىش ئىشلىرىنى تېزلىتىپ، دېھقانلارنىڭ يەرنى ھۆددىگە ئېلىش ۋە باشقۇرۇش ھوقۇقى، ئۆيلۈك يەرنى ئىشلىتىش ھوقۇقى ۋە كوللېكتىپ كىرىمنى تەقسىملەش ھوقۇقىنى قوغداش كېرەك.
ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ شەھەر، يېزا نوپۇسىنى تىزىملاش تۈزۈمىنى قانداق بەرپا قىلىش كېرەك، بۇنىڭغا قارىتا دۆلەت ئالاقىدار سىياسەتلەرنى چىقارغاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونىمىزدا قانداق قانات يايدۇرۇلىدۇ.
سوئال: ‹‹يولغا قويۇش پىكرى››دە يېزا يۆتكەلمە ئاھالىسىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئوتتۇرىغا قويۇلۇپتۇ، ئۇلارنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتى قايسى تەرەپلەردىن كاپالەتلەندۈرۈلىدۇ؟
شۈ تەيجى: گوۋۇيۈەننىڭ ‹‹پىكرى›› گە ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرگەن ئاساستا، ‹‹يولغا قويۇش پىكرى››دە يېزا يۆتكەلمە ئاھالىسىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىش توغرىسىدا ئۈچ تۈرلۈك تەلەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى: بىرىنچى، يېزىلار (چارۋىچىلىق رايونلىرى)نىڭ مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. يەر (ئوتلاق، ئورمان) دېھقانلار(چارۋىچىلار)نىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىدا ئەڭ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. يەر(ئوتلاق، ئورمان)نىڭ قىممىتى ئۈزلۈكسىز ئۆرلەپ تۇرغاچقا، دېھقانلار(چارۋىچىلار) نوپۇسىنى يۆتكىگەندە تەبىئىي تەشۋىشلىنىدۇ. شۇڭا، نوپۇس تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئۇنىڭغا يەر(ئوتلاق، ئورمان) تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ماسلاشتۇرۇش كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن بىرىنچىدىن، دېھقانلار (چارۋىچىلار)نىڭ يەر(ئوتلاق، ئورمان) ھۆددىگە ئېلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقىنى كۆپ خىللاشتۇرۇپ يۆتكەش، دېھقانلار (چارۋىچىلار)نىڭ يەر (ئوتلاق، ئورمان)نى يۆتكەشتىن مەنپەئەتكە ئېرىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئىككىنچىدىن، دېھقانلار (چارۋىچىلار)نىڭ ئۆيلۈك يەر ئىشلىتىشتىكى نەرسە ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش، يېزىلار (چارۋىچىلىق رايونلىرى)نىڭ ئۆيلۈك يەر تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دېھقانلار(چارۋىچىلار)نىڭ تۇرالغۇ مۈلۈك ھوقۇقىنى رەنىگە قويۇشى، كېپىل بولۇشى، ئۆتۈنۈپ بېرىشىنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن سىلىق ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئۈچىنچىدىن، يېزىلار(چارۋىچىلىق رايونلىرى)دا مۈلۈك ھوقۇقىنى يۆتكەش سودا بازىرى قۇرۇپ، يېزىلار(چارۋىچىلىق رايونلىرى)نىڭ مۈلۈك ھوقۇقىنى يۆتكەش سودىسىنىڭ ئاشكارا، ئادىل، قېلىپلىق ئايلىنىشىنى تېزلىتىش كېرەك. ئىككىنچى، ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتىنىڭ قاپلاش دائىرىسىنى كېڭەيتىش كېرەك. جەمئىيەت باشقۇرۇش يانداش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى كۈچەيتىش، نوپۇسقا چېتىشلىق ناھەق پاراۋانلىق تۈزۈملىرىنى تەدرىجىي ئايرىش، يېزا (چارۋىچىلىق) يۆتكەلمە ئاھالىسى ۋە باشقا دائىملىق نوپۇسنى يەرلىكنىڭ تۈرلۈك جەمئىيەت باشقۇرۇش دائىرىسىگە تەدرىجىي كىرگۈزۈپ، تۇرالغۇ، داۋالىنىش، پەرزەنتلەرنى تەربىيەلەش، ئىجتىمائىي كاپالەت قاتارلىق ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتىنىڭ تەڭپۇڭ بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئۈچىنچى، ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتىنىڭ مالىيە كاپالىتىنى كۈچەيتىش كېرەك. جايلاردىن شەھەر، بازارلارنىڭ ئاساسلىق ئۇل ئەسلىھەلىرى ۋە ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتىگە تەقسىملەيدىغان مالىيە كاپالىتىنى كۈچەيتىش، سىرتتىن ئېقىپ كەلگەن نوپۇسلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، تۇرالغۇ، مائارىپ، ئىجتىمائىي كاپالەت قاتارلىق جەھەتلەردە شەھەر ئاھالىسىگە ئوخشاش تەمىناتتىن بەھرىمەن قىلدۇرۇش كېرەك.
خەلق تۇرمۇشى زور كۈچ بىلەن كاپالەتلەندۈرۈلۈپ، ھەر خىل شەرت ۋە چەكلىمە ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ
سوئال: ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ نوپۇس تۈزۈمى ئىسلاھاتىنىڭ ئىلگىرىكى نوپۇس باشقۇرۇش تۈزۈمى بىلەن قانداق پەرقى بار؟
شۈ تەيجى: بۇ قېتىم تۈزۈلگەن سىياسەتلەردە ھەم 2012 – يىلى ئوتتۇرىغا قويۇلغان نوپۇس يۆتكەش سىياسىتى داۋاملاشتۇرۇلدى، نوپۇس تۈزۈمى ئىسلاھاتىنىڭ سالمىقى زورايتىلدى شۇنداقلا نوپۇس باشقۇرۇش ئىشلىرىدا يېڭىلىق يارىتىلدى ھەم ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈلگەن ھالدا خەلق تۇرمۇشىغا ئەھمىيەت بېرىش چۆرىدىلىپ، ئۈچ تەرەپتىن 13 تۈرلۈك كونكرېت سىياسەت تۈزۈپ چىقىلدى.
بۇ يەردە ‹‹تۆتنى بىرلەشتۈرۈش›› ئوتتۇرىغا قويۇلغان: بىرىنچىدىن، 2012 – يىلىدىكى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭىنىڭ ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ نوپۇس باشقۇرۇش تۈزۈمى ئىسلاھاتىغا دائىر مەسىلىلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى››نىڭ روھى بىرلەشتۈرۈلدى. بۇ قېتىم ئاپتونوم رايوننىڭ ‹‹يولغا قويۇش پىكرى››نى 2012 – يىلىدىكى ھۆججەتلىرىگە سېلىشتۇرغاندا، ‹‹ئومۇميۈزلۈك قويۇۋېتىش››تىن ‹‹ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋېتىش››كە ئۆزگەرتىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، نوپۇسقا ئولتۇرغۇزۇشتىكى ھەر خىل شەرت چەكلىمىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، ‹‹ئۆي ئىجارىگە ئالغان(ئەمەلىي تۇرالغۇنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)لارنى نوپۇسقا ئولتۇرغۇزۇش سىياسىتىنى قويۇۋېتىش›› قاتارلىق سىياسەتلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئىككىنچىدىن، مەركەزنىڭ 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ۋە ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 8 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 7 – ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنىڭ روھى بىرلەشتۈرۈلدى. جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىغا نەپ يەتكۈزۈش ۋە يەرلىكنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات قەدىمىنى تېزلىتىشنى نەزەردە تۇتقان ئاساستا، ‹‹يولغا قويۇش پىكرى››دە ‹‹جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدا تېخىمۇ قويۇۋېتىلگەن نوپۇس سىياسىتىنى يولغا قويۇش››، ‹‹مىللەتلەر ئارىسىدا ئۆزئارا گىرەلەشتۈرۈلگەن ئىجتىمائىي قۇرۇلما ۋە جەمئىيەت مۇھىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش›› قاتارلىق سىياسەتلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئۈچىنچىدىن، گوۋۇيۈەننىڭ ‹‹پىكرى››دە يېزا(چارۋىچىلىق) يۆتكەلمە ئاھالىسىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىنى ھەقىقىي قوغداپ، يېزا (چارۋىچىلىق رايونلىرى)نىڭ مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتى بىلەن قاپلىنىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتى مالىيە كاپالىتىنى كۈچەيتىش جەھەتلەردە تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. تۆتىنچىدىن، ئاپتونوم رايوننىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈلگەن ھالدا ‹‹ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ نوپۇس كۆلىمىنى كونترول قىلىش ۋە قاراماي شەھىرىنىڭ نوپۇس كۆلىمىنى مۇۋاپىق كونترول قىلىش››، ‹‹تۇرۇش كىنىشكىسى تۈزۈمىنى تەسىس قىلىش››، ‹‹نوپۇسى يوقلارنى نوپۇسقا ئولتۇرغۇزۇش ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك خىزمەت مېخانىزمىنى تەسىس قىلىش››، ‹‹ كۆچمە نوپۇس قولايلىق ئالاقە كارتىسى تۈزۈمىنى يولغا قويۇش››، ‹‹ نەق نوپۇس ئۇچۇرى باشقۇرۇش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش›› قاتارلىق ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كەلگەن سىياسەتلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
سوئال: ‹‹يولغا قويۇش پىكرى››دە ‹‹نوپۇس باشقۇرۇش سىياسىتىنى يەنىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە تەڭشەش›› توغرىسىدا كونكرېت بەلگىلىمىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇنى قانداق چۈشىنىش كېرەك؟
شۈ تەيجى: بۇ قېتىمقى ‹‹يولغا قويۇش پىكرى››دە تۆۋەندىكىدەك نوپۇس تەۋەلىكىنى باشقۇرۇش سىياسەتلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى: بىرىنچى، ناھىيە دەرىجىلىك شەھەر، شەھەر رايونى، ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى تۇرۇشلۇق بازار ۋە باشقا ئىشتاتلىق بازارلاردا نوپۇسقا ئالدۇرۇش چەكلىمىسى ئومۇميۈزلۈك قويۇۋېتىلىدۇ. مەسىلەن: قانۇنلۇق مۇقىم تۇرالغۇسى بارلار؛ ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار بىلەن قانۇن بويىچە ئەمگەك توختامى ئىمزالىغان تېخنىك مەكتەپلەر ۋە كەسپىي تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەنلەر؛ تاۋار ئۆي، ئەرزان قولاي ئۆي، غەملىمە ئۆي، ئىسلاھات ئۆيى، نىمكەش ئۆيلەرنى سېتىۋالغۇچىلار (تاۋار ئۆي سېتىۋېلىپ ۋاقتىنچە ئۆي – جاي گۇۋاھنامىسى بېجىرمىگەنلەر ئۆي سېتىۋېلىش توختامى ۋە يەر خېتى بېجى تاپشۇرۇش ئىسپاتى ئارقىلىق نوپۇسقا ئولتۇرغۇزۇش رەسمىيىتىنى بېجىرسە بولىدۇ)؛ شەھەر(شەھەر، بازار) قۇرۇلۇشى تۈپەيلىدىن، ھۆددىگە ئالغان يېرى (ئوتلاق، ئورمانلىق) يىغىۋېلىنغان، ئىشلىتىلگەن، يېرى(ئوتلاق، ئورمانلىق)دىن پۈتۈنلەي ئايرىلىپ قالغان دېھقان (چارۋىچىلار)لارنى نوپۇسقا ئولتۇرغۇزۇش ئومۇميۈزلۈك قويۇۋېتىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بەزى شەرت چەكلىمىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ. ئىلگىرى قانۇنلۇق مۇقىم كەسىپ – نوپۇسقا ئالدۇرۇشتىكى ئالدىنقى شەرت ئىدى، بۇ قېتىم كەسىپ چەكلىمىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ؛ ئالىي مەكتەپ، ئوتتۇرا تېخنىكومنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمگەك توختامى ئىمزالاش چەكلىمىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، ئالدى بىلەن نوپۇسقا ئالدۇرۇپ، ئاندىن ئادەم ئىشلىتىشتىكى زور بۆسۈش بولۇپ، بۇ ئاھالىنىڭ ئەركىن كۆچۈپ يۈرۈشىگە شارائىت ھازىرلاپ بېرىدۇ. ئەر – خوتۇن ئۆز ئارا پاناھ بولۇش، ئاتا – ئانىسى پەرزەنتلىرىگە بېقىنىش ۋە پەرزەنتلىرى ئاتا – ئانىسىغا بېقىنىش چەكلىمىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، پەرزەنتلىرى ئاتا – ئانىسىغا بېقىنىپ نوپۇسقا ئالدۇرغاندا، توي قىلمىغان ياكى قۇرامىغا يەتمىگەن بولۇش چەكلىمىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ. مەبلەغ سالغۇچى سودىگەرلەرنىڭ مەبلەغ سېلىش سوممىسى ۋە باج تاپشۇرۇش يىل چەكلىمىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ. بۇ قېتىمقى ‹‹يولغا قويۇش پىكرى››دە ئۆي ئىجارىگە ئېلىش – بېرىش (ئەمەلىي تۇرالغۇنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) شەرتى قويۇۋېتىلگەن بولۇپ، ئۇدا بىر يىل ئولتۇراقلاشقان ۋە ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا قاتناشقىنىغا بىر يىل توشقانلارنىڭ بىللە كەلگەنلىرى، ئائىلە ئەزالىرى ۋە بىللە ياشاۋاتقانلارغىچە قويۇۋېتىلىدۇ، بۇ، تېخىمۇ مەشغۇلاتچانلىققا ئىگە بولۇپ، ئەمەلىيەتكە تېخىمۇ ئۇيغۇن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدا تېخىمۇ قويۇۋېتىلگەن نوپۇسقا ئالدۇرۇش سىياسىتى يولغا قويۇلىدۇ.
ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈلۈپ، تۈرلۈك تۈزۈملەر يولغا قويۇلىدۇ
سوئال: ھازىر، ئاپتونوم رايونىمىزدا يولغا قويۇلغان تۇرۇش كىنىشكىسى تۈزۈمى بۇ قېتىمقى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ نوپۇس تۈزۈمى ئىسلاھاتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تۇرۇش كىنىشكىسى تۈزۈمىدىن قانداق پەرقلىنىدۇ؟ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تۇرۇش كىنىشكىسى تۈزۈمى قايسى تەرەپلەردىن تەڭشىلىدۇ؟
شۈ تەيجى: ئاپتونوم رايونىمىز 2011 – يىلى 167 – نومۇرلۇق رەئىس پەرمانىغا ئاساسەن، تۇرۇش كىنىشكىسىنى ۋاسىتە قىلىش ئارقىلىق، كۆچمە ئاھالە مۇلازىمىتى ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش توغرىسىدا ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ كۆچمە ئاھالە مۇلازىمىتى ۋە باشقۇرۇش چارىسى››نى ماقۇللىدى. سۆز نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ئاپتونوم رايونىمىز يولغا قويغان تۇرۇش كىنىشكىسى بۇ قېتىمقى گوۋۇيۈەننىڭ ‹‹پىكرى››دە ئوتتۇرىغا قويۇلغان تۇرۇش كىنىشكىسى بىلەن ئوخشاش بولسىمۇ، بىراق مەزمۇن جەھەتتىن پەرقلىنىدۇ. بۇ ئاساسلىقى تۆۋەندىكىدەك ئىپادىلىنىدۇ: بىرىنچىدىن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تۇرۇش كىنىشكىسى ئاساسلىقى كۆچمە ئاھالىنى تىزىمغا ئالدۇرۇش، باشقۇرۇشقا ئىشلىتىلىدۇ؛ ئىككىنچىدىن، بەھرىمەن بولىدىغان ئىجتىمائىي مۇلازىمەت ھوقۇق – مەنپەئىتى ئوخشىمايدۇ، ئاپتونوم رايونىمىزدا ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان تۇرۇش كىنىشكىسى بىلەن ئىجتىمائىي جامائەت مۇلازىمىتى قاتارلىق ھوقۇقلاردىن بەھرىمەن بولغىلى بولمايدۇ، ھالبۇكى، گوۋۇيۈەننىڭ ‹‹پىكرى››دە تۇرۇۋاتقان جايىدا تۇرۇش كىنىشكىسىنى ھەل قىلغاندىن كېيىن، ئاساسىي ئىجتىمائىي جامائەت مۇلازىمىتى قاتارلىق ھوقۇقلاردىن بەھرىمەن بولالايدۇ، ئۇدا ئولتۇراقلىشىش مۇددىتى ۋە ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا قاتنىشىش مۇددىتىنى شەرت قىلغان ھالدا، ئوخشىمىغان ئىجتىمائىي جامائەت مۇلازىمەت قاتارلىق ھوقۇقلاردىن پەلەمپەيسىمان بەھرىمەن بولالايدۇ، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئۈچىنچىدىن، ۋاقىت، رايون جەھەتتىن ئوخشىمايدۇ. ئاپتونوم رايونىمىز دائىملىق نوپۇس تۇرۇشلۇق جايىدىن باشقا ناھىيە دەرىجىلىك مەمۇرىي رايونلارغا بېرىپ تۇرۇۋاتقانلارنىڭ تۇرۇش مۇددىتى بىر ئايدىن ئاشقاندىن كېيىن، تۇرۇش كىنىشكىسى بېجىرسە بولىدۇ، بۇ كىنىشكىنىڭ مۇددىتى بىر يىل ۋە ئىككى يىل بولىدۇ، دەپ بەلگىلىگەن، ھالبۇكى، گوۋۇيۈەننىڭ ‹‹پىكرى››دە دائىملىق نوپۇس تۇرۇشلۇق جايىدىن باشقا رايون تەسىس قىلغان شەھەر دەرىجىلىك شەھەرلەردە تۇرۇۋاتقىنىغا يېرىم يىلدىن ئاشقانلار تۇرۇش كىنىشكىسى بېجىرسە بولىدۇ، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
گوۋۇيۈەننىڭ ‹‹پىكرى››نى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ھەم ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈش ئۈچۈن، تۇرۇش كىنىشكىسى تۈزۈمىنى يولغا قويۇش رامكىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى: بىرىنچىدىن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىنى نەزەردە تۇتۇپ، رايون ئايرىماستىن، تۇرۇۋاتقىنىغا يېرىم يىلدىن ئاشقان كۆچمە ئاھالە تۇرۇش كىنىشكىسىنى بېجىرسە بولىدۇ ھەم شارائىتى بارلار ئىجتىمائىي جامائەت مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ. ‹‹يولغا قويۇش پىكرى››دە بىللە كۆچۈپ كەلگەن پەرزەنتلەرنىڭ شۇ جايدا تولۇق ئوتتۇرىغا ئۆرلەش ئىمتىھانى ۋە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئىگە بولۇش توغرىسىدا، مەكتەپتە ئۇدا تۆت يىل ئوقۇغان بولۇش، ئاتا – ئانىسىنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا قاتناشقىنىغا ئۈچ يىل توشۇش شەرت قىلىنىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. ئىككىنچىدىن، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كۆچمە ئاھالە مۇلازىمىتى ۋە باشقۇرۇش خىزمىتىنىڭ ئەمەلىيىتىنى كۆزدە تۇتقان ئاساستا تۇرۇۋاتقىنىغا يېرىم يىل توشمىغان كۆچمە ئاھالىگە ‹‹كۆچمە ئاھالە مۇلازىمەت، باشقۇرۇش، تىزىملاش كىنىشكىسى›› تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئومۇمىي جەھەتتىن ھەم مەملىكەت بىلەن تەڭ قەدەمدە ئىلگىرىلىگىلى بولىدۇ ھەم ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرگىلى بولىدۇ.
سوئال: نېمە ئۈچۈن ‹‹كۆچمە ئاھالىنىڭ قولايلىق ئالاقە كارتىسى تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ››؟
شۈ تەيجى: ئاپتونوم رايونىمىز بۇ يىل 1 – مايدىن باشلاپ، كۆچمە ئاھالىنىڭ قولايلىق ئالاقە كارتىسى تۈزۈمىنى يولغا قويدى. قولايلىق ئالاقە كارتىسى تۈزۈمى كۆچمە ئاھالە مۇلازىمىتى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، تۇرۇش كىنىشكىسى تۈزۈمىنى يولغا قويۇش تەدبىرلىرىنىڭ بىرى بولۇپلا قالماستىن، يەنە نوپۇسى يوقلار سىرتقا چىققاندا ئۇلارنى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش ياكى ئۇلارنىڭ كىملىكىنى تەكشۈرۈشتىكى تەدبىر. قولايلىق ئالاقە كارتىسى تۈزۈمى بارغان جايى ئاساسلىق مەسئۇل بولۇش، كەلگەن جاي ھەمكارلىشىش، ئىككى تەرەپ تەڭ تۇتۇشتەك قوش يۆنىلىشلىك باشقۇرۇش خىزمەت مېخانىزمى. بارغان جايى قولايلىق ئالاقە كارتىسىنى ئۆي ئىجارىگە ئېلىش، ئىشلەمچىلىك قىلىش، دېھقانچىلىق قىلىشنىڭ ئىسپاتى قىلىپ، ئۇلارنى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدۇ، كەلگەن جايى قولايلىق ئالاقە كارتىسىنى كەنت ئەھدىنامىسى ۋە مەھەللىنىڭ ئاۋام قائىدىسىگە كىرگۈزۈپ، كۆچمە ئاھالىنىڭ ھەرىكەت ھالىتىنى ۋاقتىدا ئىگىلەيدۇ.
جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدا نوپۇسقا ئولتۇرغۇزۇش تېخىمۇ قويۇۋېتىلىدۇ، ئىككى شەھەرگە ئازراق چەكلىمە قويۇلىدۇ
سوئال: ‹‹جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدا تېخىمۇ قويۇۋېتىلگەن نوپۇسقا ئولتۇرغۇزۇش سىياسىتى يولغا قويۇش›› ۋە ‹‹ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ نوپۇس كۆلىمىنى كونترول قىلىش ۋە قاراماي شەھىرىنىڭ نوپۇس كۆلىمىنى مۇۋاپىق كونترول قىلىش›› نېمە ئۈچۈن مەخسۇس ئوتتۇرىغا قويۇلدى؟
شۈ تەيجى: جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدا تېخىمۇ قويۇۋېتىلگەن نوپۇسقا ئولتۇرغۇزۇش سىياسىتى يولغا قويۇلىدۇ. ھازىر، نوپۇس باشقۇرۇش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنىڭ ئومۇمىي يۈزلىنىشى شۇكى، يېزا يۆتكەلمە ئاھالىسىنىڭ كىچىك شەھەر، كىچىك بازارلارغا كۆچۈشىگە پائال مەدەت بېرىلىدۇ. ھالبۇكى، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرگەن ھالدا جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدا نوپۇسقا ئولتۇرغۇزۇشنى چەكلىمەسلىك، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىنىڭ يېزا (چارۋىچىلىق رايونلىرى)لىرىدا نوپۇسقا ئولتۇرغۇزۇشنى قويۇۋېتىش، نوپۇسقا ئالدۇرغانلار شۇ جاينىڭ پىلانلىق تۇغۇت قاتارلىق جامائەت مۇلازىمىتى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەتلەندۈرۈش تەمىناتى سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولۇشنى ئوتتۇرىغا قويدۇق، مۇشۇنداق قىلغاندا، مەركەزنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭغا نەپ يەتكۈزىدىغان تۈرلۈك سىياسەتلىرىنى يولغا قويۇشنى ئىزچىللاشتۇرۇشقا تېخىمۇ پايدىلىق.
ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ھازىرقى نوپۇس كۆلىمى
گوۋۇيۈەننىڭ ‹‹پىكرى››دە ئوتتۇرىغا قويۇلغان كونترول قىلىشقا تېگىشلىك شەھەرلەر ئۆلچىمىگە يەتمەيدۇ، بىراق جامائەت بايلىقى، ئۇل ئەسلىھە قاتارلىق ئامىللارنىڭ چەكلىمىسى تۈپەيلىدىن، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ نوپۇس كۆلىمىنىڭ زورىيىشىدىن ئېھتىيات قىلىش كېرەك؛ قاراماي شەھىرىنىڭ ھازىرقى نوپۇس كۆلىمى گوۋۇيۈەننىڭ ‹‹پىكرى››دە ئوتتۇرىغا قويۇلغان كونترول قىلىش تۈرىدىكى شەھەرلەر ئۆلچىمىگە يەتمەيدۇ، بىراق قاراماي شەھىرى مەمۇرىيەت بىلەن كارخانا بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن شەھەر بولۇپ، نوپۇس تەۋەلىكىنى چۆرىدىگەن مۇناسىۋەتلىك ئىجتىمائىي پاراۋانلىق قاتارلىق كاپالەت خاراكتېرلىك تەدبىرلەر بىر قەدەر كۆپ بولۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىجتىمائىي كاپالەت قاتارلىق ئامىللارنى نەزەردە تۇتقان ھالدا، نوپۇسنىڭ قاراماي شەھىرىگە كۆچۈپ كىرىشىنى مۇۋاپىق كونترول قىلىش كېرەك. شۇڭا، ‹‹يولغا قويۇش پىكرى››دە ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ نوپۇس كۆلىمىنى كونترول قىلىش ۋە قاراماي شەھىرىنىڭ نوپۇس كۆلىمىنى مۇۋاپىق كونترول قىلىش ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
سوئال: ‹‹يولغا قويۇش پىكرى››دە نوپۇسى يوقلار توغرىسىدا قانداق كونكرېت بەلگىلىمىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان؟
شۈ تەيجى: ئاپتونوم رايونىمىزدا نوپۇسى يوقلارنىڭ شەكىللىنىش سەۋەبى مۇرەككەپ بولۇپ، ئاساسلىق سەۋەبى مۇنداق: قىسمەن ئاممىنىڭ نوپۇس ئېڭى تۆۋەن بولۇپ، نوپۇسقا ئولتۇرغۇزۇش شەرتىگە ئۇيغۇن كەلسىمۇ، بىراق تۇغۇلغاندىن كېيىن ۋاقتىدا مەلۇم قىلىپ نوپۇسقا ئالدۇرمايدۇ؛ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە خىلاپلىق قىلغانلىقى ( پىلاندىن سىرت تۇغقان ۋە توي قىلماي تۇغۇپ قويۇشنى كۆرسىتىدۇ) ئۈچۈن، ئىجتىمائىي بېقىش خىراجىتى ئېلىشتىن ئەندىشە قىلىپ نوپۇسقا ئالدۇرۇشتىن قاچىدۇ؛ بەزى يېزا ئاياللىرى ئۆيلىرىدە تۇغۇپ قويۇپ، ‹‹كىلىنىكىلىق تۇغۇلۇش ئىسپاتى›› بولمىغانلىقى ئۈچۈن، نوپۇسقا ئالدۇرالمايدۇ؛ ئۇزاقتىن بۇيان قېپقالغان سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، نوپۇسى يوقلار نوپۇسقا ئالدۇرالمايدۇ.
ئاپتونوم رايونىمىز بۇ قېتىمقى نوپۇس ئىسلاھاتىدا نوپۇسى يوقلارنى نوپۇسقا ئولتۇرغۇزۇش مەسىلىسى توغرىسىدا نوپۇسى يوقلارنىڭ نوپۇسىنى ھەل قىلىش ئىجتىمائىي مۇلازىمەتنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، ئاساسىي قاتلام ھاكىمىيەت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتىكى مۇھىم تەدبىر، دەپ ئوتتۇرىغا قويدى ھەم كونكرېت نوپۇس ئولتۇرغۇزۇش سىياسىتىنى بەلگىلىدى. بۇنىڭدىن كېيىن، نوپۇسى يوقلارنى نوپۇسقا ئولتۇرغۇزۇش پىلانلىق تۇغۇت، يېزىلارنىڭ يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىش نىسبىتى، ئوتتۇرىچە GDP، يىللىق باھالاش قاتارلىق خىزمەتلەر بىلەن ئۆزئارا چېتىلمايدۇ ھەم بۇ خىزمەتنى دائىملاشتۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر