باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

يەكەن ناھىيەسىدە يۈز بەرگەن زوراۋانلىق-تېررورلۇق دېلوسىدىكى 12 جاۋابكارغا ئۆلۈم جازاسى، 15 جاۋابكارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىپ كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىش جازاسى بېرىلدى

2014.10.14 15:38         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى:13-ئۆكتەبىر قەشقەر ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى يەكەن ناھىيەسىدە يۈز بەرگەن «28-ئىيۇل» ئېغىر زوراۋانلىق-تېررورلۇق ھۇجۇم دېلوسىدىكى بىر قىسىم جاۋابكارلار ئۈستىدىن 1-سوتتا ھۆكۈم چىقاردى ۋە ئاشكارا ئېلان قىلدى، تېررورلۇق تەشكىلات قۇرۇش ۋە ئۇنىڭغا باشلامچىلىق قىلىش-قاتنىشىش جىنايىتى، قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتى، قانۇنسىز پارتلاتقۇچ ياساش جىنايىتى، ئوت قويۇش جىنايىتى، تۇتۇپ كېتىش جىنايىتى، خەتەرلىك ئۇسۇلدا ئاممىۋى بىخەتەرلىككە زىيان سېلىش جىنايىتى ئۆتكۈزگەنلىكى ئۈچۈن، ئوسمان ئابلەت، يۈسۈپ ئابلەت، جۈمە قادىر، مەمتىمىن ئۆمەر قاتارلىق 12 جاۋابكارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلدى، سىياسىي ھوقۇقىدىن ئۆمۈرۋايەت مەھرۇم قىلىندى؛ راخمان سادىر قاتارلىق 15 جاۋابكارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىپ ئىككى يىل كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىش جازاسى بېرىلدى، سىياسىي ھوقۇقىدىن ئۆمۈرۋايەت مەھرۇم قىلىندى؛ ئەلى تۇرسۇن قاتارلىق 9 جاۋابكارغا مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلدى،سىياسىي ھوقۇقىدىن ئۆمۈرۋايەت مەھرۇم قىلىندى؛ ئارزىگۈل ئامان قاتارلىق 20 جاۋابكارغا 20 يىلدىن 4 يىلغىچە مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلدى؛ قالغان 2 جاۋابكارنىڭ جازاسى كېچىكتۈرۈلدى.

  دەي لەن، لى يانەن، خۇ رېنبا خەۋىرى

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە : خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر