ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز نىياز راھمان خەۋىرى، فوتوسى: كۇچا دېھقانلىرى بۇ يىل 830 مىڭ مو كېۋەز تېرىغان بولۇپ، بۇ يىل ئەتىياز پەسىلدىكى ناچار ھاۋا كىلىماتى ۋە بىرقانچە قېتىملىق كۈچلۈك بوراننىڭ تەسىرىدە كېۋەزلەرنىڭ ئېچىلىشى بۇلتۇرقىدىن يېرىم ئايدىن كۆپرەك كېچىكتى، دېھقانلار كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ۋە نۇقتىغا چۈشكەن يېزا كادىرلىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە جىددىي ھەرىكەتكە كېلىپ، كېۋەزلەرگە ئېچىلدۇرۇش دورىسى چېچىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئېچىلغان پاختىلارنى ئۇدۇللۇق يىغىپ پاختا زاۋۇتلىرىغا سېتىپ بەردى.
سۈرەتتە: 12- ئۆكتەبىر بېھىشباغ يېزىسىدىكى دېھقانلار پاختا ساتماقتا.
مۇھەررىر: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى