باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

بۇنىڭدىن كېيىن، مۇساپىسى 800 كىلومېتىردىن ئاشىدىغان يولۇچى توشۇش لىنىيەسى تەستىقلانمايدۇ

2014.10.10 15:32         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تاشيول تىرانسپورت ئىدارىسىدىن ئىگىلىنىشىچە ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تاشيول تىرانسپورت سىستېمىسىدا بىخەتەرلىك بويىچە مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتى باشلانغان بولۇپ ، مۇساپىسى 800 كىلومېتىردىن ئاشىدىغان يولۇچى توشۇش يېڭى لىنىيەلىرىنى ئەمدى تەستىقلىماسلىق ، ئۇزۇن يوللۇق يولۇچى توشۇش لىنىيەلىرىگە كارىۋاتلىق يېڭى ئاپتوبۇسلارنى سېلىشنىمۇ تەستىقلىماسلىق ، يولۇچى توشۇش بازىرىدىكى كارىۋاتلىق ئاپتوبۇسلارنى شاللاش سۈرئىتىنى تېزلىتىش تەلەپ قىلىنغان .

  مۇساپىسى 800 كىلومېتىردىن ئاشىدىغان ئۇزۇن يوللۇق يولۇچى توشۇش لىنىيەلىرىنىڭ بىخەتەرلىك ئەھۋالى باھالىنىدىغان بولۇپ ، بىخەتەر يولۇچى توشۇش شەرتىگە ئۇيغۇن بولسا ، داۋاملىق يولۇچى توشۇلسا بولىدىكەن ، ئۇيغۇن بولمىسا يولۇچى توشۇش توختىتىلىپ ، تەرتىپكە سېلىنىپ ، شەرتكە ئۇيغۇن كەلگەندىن كېيىن ئاندىن يولۇچى توشۇشقا رۇخسەت قىلىنىدىكەن. باھالاش مۇشۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە تولۇق ئاياغلاشتۇرۇلىدىكەن .

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر