- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


شىنجاڭدا جىددىي ئەھۋالدىن دالدىلىنىش ئورنىدىن 387 ى قۇرۇلدى
2014.09.23 12:47 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
21-سېنتەبىر مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ خەلق ئىشلىرى نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە ، جىددىي ئەھۋال ئەسلىھەلىرىنىڭ كاپالەتلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ، شىنجاڭ خەلق ئىشلىرى نازارىتى جىددىي ئەھۋالدىن دالدىلىنىش ئورنى قۇرۇلۇش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتكەن ، نۆۋەتتە شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا 387 جىددىي ئەھۋالدىن دالدىلىنىش ئورنى قۇرۇلغان .
نۆۋەتتە ، ئۈرۈمچىدىكى مەركەز دەرىجىلىك ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ماددىي ئەشيا زاپىسى ئامبىرى پۈتۈپ ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈلگەن بولۇپ ، ئاپتونوم رايونىمىزدا يەنە 9 ۋىلايەت (ئوبلاست ، شەھەر)، 11 ناھىيە ، شەھەر دەرىجىلىك ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ماددىي ئەشيا زاپىسى ئامبىرى قۇرۇلۇش تۈرى دۆلەت تەرەققىيات–ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ تۈر تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ تەستىقلىشىدىن ئۆتكەن ، مەركەز ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ماددىي ئەشيا زاپىسى ئامبىرى قۇرۇلۇشى ئۈچۈن 98 مىليون 700 مىڭ يۈەن مەبلەغ سالىدىكەن .
ئىگىلىنىشىچە ، 2005–يىلى ئىيۇلدا ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونى رىگۇاڭ مەھەللىسىدە شىنجاڭدىكى تۇنجى يەر تەۋرەشتىن دالدىلىنىش ئورنى قۇرۇلغان .
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر