- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان 19 ئۆلكە - شەھەرنىڭ 2014 - يىللىق ياردەم سوممىسى ئون مىليارد 670 مىليون يۈەنگە يەتتى
2014.09.23 12:35 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
ئاۋغۇستنىڭ ئاخىرىغىچە ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان 19 ئۆلكە–شەھەرنىڭ 2014–يىللىق ياردەم سوممىسى ئون مىليارد 670 مىليون يۈەنگە يېتىپ ، پىلاندىكى ئون مىليارد 940 مىليون يۈەن ياردەم مەبلىغىنىڭ % 95.7 ىنى ئىگىلىگەن بولۇپ ، بۇ خاتىرجەم ئولتۇراقلاشتۇرۇپ ، خەلقنى بېيىتىش ، مۇقىم ئولتۇراقلاشتۇرۇپ ، چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش ، مائارىپ ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق نۇقتىلىق تۈرلەرگە چېتىلىدۇ .
مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات–ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە ، ھازىرغىچە 2014–يىللىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان تۈردىن 1010 دا ئىش باشلانغان بولۇپ ، پىلاندىكى شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تۈرىنىڭ % 91.8 ىنى ئىگىلىگەن . بۇنىڭ ئىچىدە ، بۇ يىل شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەبلىغىنىڭ شىنجاڭغا يېتىپ كېلىش نىسبىتى % 100 كە يەتكەن ئۆلكىدىن 15 ى بار بولۇپ ، بۇلار جياڭسۇ ، لياۋنىڭ ، خېيلوڭجياڭ ، جىلىن ، خۇبېي ، فۇجيەن ، خېنەن ، خۇنەن ، جېجياڭ ، جياڭشى ، شاڭخەي ، شەندوڭ ، شېنجېن ، تيەنجىن ، ئەنخۇيدىن ئىبارەت .
2010–يىلىدىن بۇيان ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەبلىغى جەمئىي 45 مىليارد 850 مىليون يۈەنگە يېتىپ ، بەش يىللىق پىلاندىكى 56 مىليارد 400 مىليون يۈەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئومۇمىي مەبلىغىنىڭ % 81.3 ىنى ئىگىلىگەن .
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر