- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


يىپەك يولى بويىدىكى شەھەرلەر ھەمكارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ
2014.09.10 13:25 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ئىككى كۈن داۋاملاشقان 2014-يىللىق يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى شەھەرلەر ھەمكارلىقى تەرەققىيات مۇنبىرى يېقىندا ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى، يىغىنغا قاتناشقان 25 دۆلەتتىكى 48 شەھەر «ئۈرۈمچى خىتابنامىسى» ئېلان قىلىپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شەھەرلەر ئارا ئۇچۇر، قاتناش ۋە خەۋەرلىشىش ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، سودا، ساياھەت، شەھەر قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش، مەدەنىيەت، مائارىپ، سەھىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى پائال قانات يايدۇرۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ گۈللىنىشى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىمىز.
ئۈرۈمچى، شىئەن، قەشقەر، ليەن يۈنگاڭ قاتارلىق دۆلەت ئىچىدىكى 15 شەھەر، رۇسىيە، قازاقىستان، تۈركىيە قاتارلىق 24 دۆلەتتىكى 33 شەھەرنىڭ ۋەكىلى بۇ قېتىمقى مۇنبەرگە قاتناشتى. يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر مۇنداق دەپ قارىدى: يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى شەھەرلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئۇزۇز شانلىق تارىخقا ئىگە سودا ۋە مەدەنىيەت مەركىزى، شەھەرلەرنىڭ سودا ۋە مەدەنىيەت مەركىزى بولۇشتىكى مۇھىم رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك. يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى شەھەرلەرنىڭ ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش ھەرقايسى شەھەرلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن، بۇ ھەرقايسى شەھەر خەلقىنىڭ ئورتاق ئارزۇسى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر