- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


گازارمىنىڭ ياردىمىدە ئالىي مەكتەپكە ئۆتكەن ئوقۇغۇچى
2014.09.10 13:24 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
8-سىنتەبىر سەھەردە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر چېگرا تەكشۈرۈش پونكىتى ھويلىسىدا مەخمۇتجان ھەسەننىڭ «تاغا، مەن ئالىي مەكتەپكە ماڭدىم» دېگەن ئاۋازى ئاڭلاندى.
مەخمۇتجان ھەسەن كىچىك چېغىدىلا ئاتا-ئانىسى ئۆلۈپ كەتكەن بولۇپ، 74 ياشلىق مومىسى بېقىپ چوڭ قىلغان، تۇرمۇشتا قىيىنچىلىقى ناھايىتى ئېغىر ئىدى. 2004-يىلى قەشقەر چېگرا تەكشۈرۈش پونكىتى بىر قېتىملىق ئومۇميۈزلۈك يوقلاش پائالىيىتىدە ئەھۋالنى ئۇققاندىن كېيىن، بۇ نامرات ئائىلىنى دەرھال يۆلەش ئوبيېكتى قىلىپ، كوماندىر-جەڭچىلەرنى پائال تەشكىللەپ، ئىختىيارى ياردەم بېرىش گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، بىۋاسىتە يۆلەش ئۇسۇلى بىلەن مەخمۇتجان ھەسەنگە ياردەم بەردى.
قەشقەر چېگرا تەكشۈرۈش پونكىتى 2004-يىلى قۇرۇلغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە، كوماندىر-جەڭچىلەر پۇل ۋە ماددى-ئەشيا ئىئانە قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەر ئارقىلىق، شۇ جايدىكى ئاممىنى غەم-ئەندىشىدىن پائال خالاس قىلىپ، مەھەللە ۋە ئاممىنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى.
مەخمۇتجان ھەسەن ئۆزىگە 10 يىل ياردەم قىلغان بۇ كوماندىر-جەڭچىلەرگە مەيدىسىگە ئۇرۇپ تۇرۇپ: مەن ياخشى ئوقۇپ، شىنجاڭنى سۆيىدىغان، ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرىدىغان ئىستىقباللىق ياشلاردىن بولىمەن، ئۆزۈمنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق قىسىم ۋە جەمئىيەتنىڭ ماڭا قىلغان غەمخورلۇقىغا جاۋاب قايتۇرىمەن، دېدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر