باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۆلكە يولى 214- لىنىيەنىڭ شىنجاڭ مورىدىن پىچانغىچە بولغان بۆلىكىدە 15-سېنتەبىردىن باشلاپ ھەق ئېلىنىدۇ

2014.09.10 11:33   مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

ئۆلكە يولى 214- لىنىيەنىڭ شىنجاڭ مورىدىن پىچانغىچە بولغان بۆلىكىدە 15-سېنتەبىردىن باشلاپ ھەق ئېلىنىدۇ

  8-سېنتەبىر مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ تاشيول باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە ، ئۆلكە يولى 214-لىنىيەنىڭ شىنجاڭ مورىدىن پىچانغىچە بولغان بۆلىكىگە تەسىس قىلىنغان ئاق تېرەك دەرياسى ھەق ئېلىش پونكىتى 15-سېنتەبىردىن باشلاپ ئىشقا كىرىشىدىكەن . بۇ لىنىيەدە قاتناشنىڭ باشلانغانلىقى شەرقىي شىنجاڭ بىلەن شىمالىي شىنجاڭنى تۇتاشتۇرىغان يەنە بىر لىنىيەنىڭ ئېچىلغانلىقىدىن دېرەك بېرىپلا قالماي يەنە ، مورىدىن پىچانغىچە بولغان ئىككى رايون ئارىلىقى 300 نەچچە كىلومېتىر قىسقىراپ ، ئۆلكە يولى 303-لىنىيەسىنىڭ بېسمى يېنىكلەيدىكەن .

  ئىگىلىنىشىچە ، بۇ لىنىيەدە ئېچىۋېتىش شەكلىدە ھەق ئېلىنىدىغان بولۇپ ، ھەق ئېلىش ۋاقتى ۋاقتىنچە 20 يىل قىلىپ بېكىتىلگەن .

  ئۆلكە يولى 214-لىنىيەسى شىنجاڭ مورى–پىچان تاشيولىدا يۈك ئاپتوموبىللىرى ( ئالاھىدە ئاپتوموبىللار ۋە يولۇچى - يۈك توشۇشقا ئىشىلتىلىدىغان ئاپتوموبىللار ) غا قارىتا ئېغىرلىقىنى ئۆلچەپ ھەق ئېلىش يولغا قويۇلۇپ ، ئاساسلىق ھەق نىسبىتى 0.05 يۈەن / توننا / كىلومېتىر ئىكەن .

  باشقا ئاپتوموبىللاردىن ئاپتوموبىل تىپىغا قاراپ تۈرلەرگە بۆلۈپ ئۆلچەم بويىچە ھەق ئېلىنىدىكەن . ئىگىلىنىشىچە ، ئۆلكە يولى 214–لىنىيە شىنجاڭ مورى–پىچان تاشيولىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 97 كىلومېتىر بولۇپ ، 2011–يىلى 7- ئاينىڭ 10-كۈنى قۇرۇلۇش باشلانغان ، 670 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان . ئومۇمىي لىنىيە 2-دەرىجىلىك تاشيول ئۆلچىمى بويىچە ياسالغان بولۇپ ، سائەتلىك سۈرئىتى سائىتىگە 60 كىلومېتىر قىلىپ لايىھەلەنگەن .

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·مائارىپنى راۋاجلاندۇرىدىغان ئاكتىپ ئېنېرگىيە توپلايلى
      ·ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئىجتىمائىي پەن، تەبىئىي پەن دەپ ئايرىلمايدۇ
      ·بىر ئىمتىھان بىلەن ئۆمۈرلۈك تەقدىرى بەلگىلىنىپ كېتىدىغان ئەھۋالغا خاتىمە بېرىلىدۇ
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: ھۆكۈمەت مەكتەپلىرىدىكى غوللۇق ئوقۇتقۇچىلارنى ئالماشتۇرۇپ ئىشقا قويۇشنى ئىلگىر…
      ·جېجياڭدا بىر باشلانغۇچ مەكتەپ «ئۆگزە مەيدان» سالدى(1)
      ·مائارىپ مىنىستىرلىكى ئالىي مەكتەپكە يېڭى كىرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ سالاھىيىتىنى قايتا تەكشۈرۈشنى تەلەپ …
      ·بېيجىڭ سەنئەت–تاراتقۇ كەسپىي ئىنستىتۇتى شىنجاڭدىن ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار 100 ئوقۇغۇچىنى ھەقسىز …
      ·بالىڭىزنىڭ تاپشۇرۇق ئىشلىشىگە ماسلىشامسىز
      ·ئالىي مەكتەپلەرگە يېڭىدىن قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلار دۆلەت ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلىنى قانداق ئىلتىماس…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى يېڭى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇشقا كىرىش سالاھىيىتىنى قايتا تەكشۈرۈشنى …