- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


5-نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسى 2016-يىلى ئۆتكۈزۈلىدۇ
2014.09.09 10:05 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
5-سېنتەبىر، جۇڭگو ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسىنىڭ باش كاتىپى، شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە ئىشلىرى ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى لى جىڭيۈەن مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: 5-نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسى 2016-يىلى ئۆتكۈزۈلىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن، جۇڭگو ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسى ئىككى يىلدا بىر ئۆتكۈزۈلىدۇ. كېلەر يىلى (2015-يىلى) كەسپىي كۆرگەزمە شەكلىدە ئاسىيا-ياۋروپا خەلقئارا مەھسۇلاتلار كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلىدۇ.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، 2015-يىلىدىكى كەسپىي كۆرگەزمىنىڭ مەزمۇنى توقۇلما كىيىم-كېچەكلەر كەسپى، بەش خىل مېتال ئائىلە ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى، شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى ھەمدە يېمەكلىكلىرى، چوڭ تىپتىكى قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى، ۋە ئاپتوموبىللارغا چېتىلىدىكەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر