- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


جاڭ چۈنشيەن بېلارۇسىيەلىك مېھمانلار بىلەن كۆرۈشتى
2014.09.05 16:06 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن 3 – سېنتەبىر چۈشتىن بۇرۇن بېلارۇسىيە ئىقتىساد مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى سىنوپكوف نىكولاي ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى.
سىنوپكوف نىكۇلاي ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بېلارۇسىيە زۇڭتۇڭىنىڭ ھاۋالىسىغا بىنائەن، دۆلەت دەرىجىلىك ئۆمەك باشلاپ 4 – نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاسىيا – ياۋروپا كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىشقا كەلگەن.
جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئاسىيا – ياۋروپا كۆرگەزمىسى بارغانسېرى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى مۇھىم سۇپىغا ئايلانماقتا، ئىشىنىمەنكى، بېلارۇسىيە بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمىدىن خېلى چوڭ نەپكە ئېرىشىدۇ. جۇڭگو – بېلارۇسىيەنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىشىنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىقىدا يېڭى باشلىنىش بارلىققا كېلىپ، ئورتاق مەنپەئەت، ئورتاق سۆھبەت تېمىسى بارغانسېرى كۆپەيمەكتە. بۇلتۇر، شىنجاڭ بىلەن بېلارۇسىيەنىڭ سودا سوممىسى %80 ئاشتى، بۇ، جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن بېلارۇسىيەنىڭ ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش بوشلۇقىنىڭ چوڭلۇقىنى بىلدۈرىدۇ. شىنجاڭ يەرلىك كارخانىلارنىڭ جۇڭگو – بېلارۇسىيە سانائەت رايونىغا ماكانلىشىشىغا ئىلھام بېرىدۇ ۋە ئۇنى قوللايدۇ، جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن بېلارۇسىيەنىڭ مەدەنىيەت، فىلولوگىيە قاتارلىق جەھەتلەردە ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.
سىنوپكوف نىكولاي مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئاسىيا – ياۋروپا كۆرگەزمىسىگە ئىككىنچى قېتىم قاتنىشىپ، كۆرگەزمىنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى مۇھىم سۇپىغا ئايلىنىۋاتقانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم. بۇ بىرنەچچە يىلدا، بېلارۇسىيەنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان ئىقتىساد – سودا، پەن – تېخنىكا، سەھىيە، مائارىپ، مەدەنىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى، جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن بولغان رايون ھەمكارلىقى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى، ئاۋىياتسىيە ھەمكارلىقى يەنىمۇ كۈچىيىۋاتىدۇ، شىنجاڭنىڭ ‹‹جۇڭگو ئارزۇسى››نى روياپقا چىقىرىش جەريانىدا تېخىمۇ گۈللەپ ياشنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن نۇر بەكرى، خەن يۇڭ، ئەركىن تۇنىياز قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر