- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئىلى ئوبلاستىدا چېكەتكە ئاپىتى يۈز بەردى
2014.08.27 16:24 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
ئابدۇسالام قادىر خەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا ئىلى ئوبلاستلىق چارۋىچىلىق ئىدارىسىدىن ئۇقۇشىمچە، بۇ يىل ھاۋانىڭ ئالاھىدە ئىسسىپ كېتىشى ۋە قۇرغاقچىلىق تەسىرىدە ئىلى ئوبلاستىغا بىۋاسىتە قاراشلىق جايلاردىكى 3 مىليون 50 مىڭ مو ئوتلاق چېكەتكە ئاپىتىگە ئۇچرىغان. ھازىر چېكەتكە يوقىتىش خىزمىتى جىددىي ئىشلىنىۋېتىپتۇ.
ئوبلاستتىكى ئالاقىدار تارماقلار تېخنىكلارنى كۆپەيتىپ، ئوتلاقلارنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، قورغاس ناھىيەسىنىڭ قاراسۇ ئوتلىقى، غۇلجا ناھىيەسىنىڭ شىمالىي تاغ قاپتاللىرىدا، شۇنداقلا تېكەس، كۈنەس، توققۇزتارا، نىلقا ناھىيەلىرىنىڭ ئوتلاقلىرىدا ‹‹قىزىل كۆتمەك›› ۋە ‹‹ئىتالىيە چېكەتكىسى››نىڭ يامرىشى تېز، ئوتلاقلارغا زىيان سېلىشى ئېغىر بولغانلىقىنى بايقىغان. ئالاقىدار تارماقلار دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ، ئاپەت زىيىنى ئېغىر بولغان 26 مىڭ مو ئوتلاقتىكى چېكەتكىنى دورا بىلەن يوقىتىپ، ئاپەتنى تىزگىنلىدى. 90 مو كۆلەمدىكى ئوتلاقتا بىيولوگىيەلىك ئۇسۇل بىلەن ئاپەتنى تىزگىنلەش تەدبىرىنى قوللىنىپ، بۇ رايونلارغا قارا تورغاي قويۇپ بېرىپ ئۈنۈمىنى كۆردى. قورغاس، نىلقا، توققۇزتارا، چاپچال ناھىيەلىرىدىكى ئوتلاقلارغا ئۇۋا ياساپ قارا تورغايلارنى جەلپ قىلىپ، چېكەتكە يوقاتماقتا.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر