خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز مۇنىردىن تۇنياز، ئامانگۇل خەۋىرى، فوتوسى:ئونسۇ ناھىيەلىك سۈپەت-تېخنىكا نازارەتچىلىكى ئىدارىسىنىڭ مەجلىسخانىسىغا كىرسىڭىز، تامغا قاتار ئېسىلغان شەرەپ تاختىلىرى كۆزىڭىزگە چېلىقىدۇ. بۇ شەرەپ تاختىلىرى ۋە لەۋھەلەر توغرىسىدا گەپ بولسا، بۇ يەردىكىلەر بىر ئېغىزدىن «بۇ شەرەپ خىزمىتىمىزگە بېرىلگەن ئادىل باھا، ئالتۇندىن قىممەت شەرەپ» دېيىشىدۇ. ھەقىقەتەن بۇ يەردىكى 88 پارچە شەرەپ تاختىسى ۋە لەۋھە ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىك ئورۇنلىرى ۋە جەمىيەتتىكىلەرنىڭ ئۇلارنىڭ خىزمىتىگە بەرگەن باھاسى.
ئونسۇ ناھىيەلىك سۈپەت-تېخنىكا نازارەتچىلىكى ئىدارىسى رەھبەرلىكى ئۆز ئورنىنىڭ پاكلىق قۇرۇلۇشى بىلەن تۈرلۈك كارخانىلارنى ۋە بازارلارنى قانۇن بويچە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى تەڭ تۇتۇپ، بۇ ھەقتىكى قائىدە–تۈزۈملەرنىڭ ئىجىرا قىلىنىشىغا تۇلۇق كاپالەتلىك قىلدى. خادىملار ۋەزىپە ئىجرا قىلغاندا ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتماي، ئادىللىق ئىش بېجىردى. شەخسىي ئوبراز ئارقىلىق كوللېكتىپقا شەرەپ كەلتۇرۇپ، ئاپتونوم رايون بويىچە «كەسپ ئىستىلىدىكى ئۇلگىلىك كوزنەك ئورۇن»، «قانۇن ئىجرا قىلىشتىكى ئىلغار ئورۇن»، ۋىلايەت دەرىجىلىك «مەدەنىي ئورۇن»، «ساختىلىققا زەربە بېرىشتىكى ئىلغار كوللېكتىپ»، «خەلق رازى بولغان ئورۇن» قاتارلىق 88شەرەپ گۇۋاھنامىسىگە ئېرىشتى. سۈرەتتە: تۈرلۇك شەرەپ گۇۋاھنامە تاختىلىرى.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى