خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئىمىنجان تۇرسۇن خەۋىرى، فوتوسى: يوپۇرغا ناھىيەسىدىكى مىللىي رەھبىرىي كادىرلار 8-ئاينىڭ 6-كۈنىدىن بۇيان يېزا-كەنتلەرگە بېرىپ «28-ئىيۇل» ۋە «30-ئىيۇل» ئېغىر زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھۇجۇمى دېلوسىنى ئامما بىلەن بىرلىكتە ئەيبلەش، زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىنىڭ ئەكسىيەتچىل رەزىل ماھىيتىنى ئېچىپ تاشلاش، زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايى قىلمىشلىرىغا ئورتاق قارشى تۇرۇپ مۇقىملىقنى قوغداش ۋە «يوپۇرغا ناھىيەسىنىڭ زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايى قىلمىشلىرىنى پاش قىلغانلارنى مۇكاپاتلاش ئۇختۇرۇشى» نىڭ روھىنى ئاممىغا يەتكۈزۈش قاتالىق مەزمۇنلاردا لېكسىيە سۆزلەش، تەشۋىقات-تەربىيە پائالىيتىنى قانات يايدۇردى.
سۈرەتتە: رەھبىرىي كادىرلار ئەشمە بازىرىنىڭ يۇقىرى ئەشمە كەنتىدە ئاممىغا تەشۋىقات-تەربىيە ئېلىپ بارماقتا.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى