- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


قەشقەر خەلقئارا باجسىز مەيدانىنىڭ ئۆگزىسى يىل ئاخىرىدا يېپىلىدۇ
2014.08.14 09:26 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
مۇخبىر 12-ئاۋغۇست جۇڭگو شان-شەرەپ ئىشلىرى جەنۇبىي شىنجاڭ سەپىرى ئاساسىي پائالىيەت مەيدانىدىكى دۆلەت ئىچى ۋە چەتئەل كارخانىچىلىرىنى زىيارەت قىلىش جەريانىدا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر خەلقئارا باجدىن خالىي مەيدانىنىڭ 2-قەۋەتكىچە سېلىنىپ بولغانلىقى، بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە ئۆگزىسىنىڭ يېپىلىدىغانلىقىنى ئىگىلىدى. قەشقەر خەلقئارا باجدىن خالىي مەيدانى-شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىدا تاموژنا ئالاھىدە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش رايونى تەسىس قىلىش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرىدىغان تەدبىرى، بۇ مەيدان قەشقەر ئالاھىدە رايونىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان شۇنداقلا جۇڭگونىڭ غەربىدىكى ئېگىزلىكى 280 مېتىر كېلىدىغان قەشقەر تەرەققىيات بىناسىنىڭ تەركىبى قىسمى، 2016-يىلى تىجارەت باشلىشى مۇمكىن. شۇ چاغدا، باجسىز مال سېتىۋېلىش، خەلقئارا كۆڭۈل ئېچىش، ئارام ساياھىتى، يېمەك-ئىچمەك ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا مەدەنىيەت كۆرگەزمىسى قاتارلىق نۇرغۇن پائالىيەتلەر بىر گەۋدىلەشتۈرۈلۈپ، جۇڭگونىڭ باجسىز سودا تارىخىدا خەلقئارادىكى داڭلىق ماركىلار ئەڭ كۆپ، دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى بولغان چوڭ باجسىز مال سېتىۋېلىش مەيدانى بولۇپ قالىدۇ. ئىگىلىنىشىچە، قەشقەر خەلقئارا باجدىن خالىي مەيدانىدا سەنيانىڭ باجدىن خالىي ئەندىزىسىدىن پايدىلانغان، لېكىن سەنيادىكى ساياھەتچىلەر ئادەم بېشىغا بىر قېتىم سەككىز مىڭ يۈەنلىك مال سېتىۋېلىشقا ئوخشىمايدىكەن، قەشقەر خەلقئارا باجدىن خالىي مەيدانىنىڭ باج كەچۈرۈم قىلىش ئىلتىماس سوممىسى سەنيانىڭكىدىن ئۈچ ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر