باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

خەلق ئۇرۇشىنىڭ بىپايان دېڭىزىنى ھاسىل قىلايلى

2014.08.04 14:23         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خوتەن ۋىلايىتىنىڭ ج خ ئورگىنىدىكىلەر قاراقاش ناھىيەسىدىكى 30 مىڭدىن ئارتۇق ئامما بىلەن بىللە 1 – ئاۋغۇست كۈنى زوراۋان – تېررورچىلارنى قورشاپ تۇتۇشقا ئاتلىنىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق شايكىسىنىڭ ئون ئەزاسىنى بىر تاشلاندۇق ئۆيگە قامىۋالدى، ئاقىۋەتتە زوراۋان – تېررورچىلارنىڭ توققۇزى ئېتىۋېتىلدى، بىرى قولغا چۈشتى، ج خ خەلق ساقچىلىرى بىلەن ئامما تالاپەتكە ئۇچرىمىدى. دېلونى پاش قىلىش داۋامىدا، 70 نەچچە ئامما يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىدى. ھەر مىللەت كادىرلىرى، ئاممىسى ئەمەلىي ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق توغرا ئىجتىمائىي كەيپىياتنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش ئاساسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشتىكى خەلق ئۇرۇشىنىڭ غايەت زور كۈچىنى نامايان قىلدى.

  مەركەزنىڭ 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ۋە ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 8 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 7 – ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىلغاندىن بۇيان، شىنجاڭدا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ھازىرقى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش كۈرىشىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى چىڭ ئىگىلەپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئۇنىڭدىن مۇداپىئەلىنىشنىڭ پولاتتەك مۇستەھكەم سېپىلىنى ھاسىل قىلدى. يېقىنقى بىر مەزگىلدىن بۇيان، ھەر ساھە، ھەر كەسىپتىكىلەر ھەرخىل شەكىلدە پوزىتسىيەسىنى بىلدۈرۈپ، تېررورلۇققا قارشى كۈچلۈك سادانى ياڭراتتى.

  مۇشۇنداق ۋەزىيەتتە، بارغانسېرى كۆپ ئامما ئاڭلىق ھالدا يۇرت – ماكاننى قوغدايدىغان بۇ كۈرەشكە ئاتلىنىپ، خوجايىنلىق قىياپىتىنى نامايان قىلدى. بولۇپمۇ 23 – ماي شىنجاڭدا زوراۋانلىق، تېررورلۇققا قاقشاتقۇچ زەربە بېرىش مەخسۇس ھەرىكىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، گۇما ناھىيەسى، خوتەن شەھىرى، ئاقسۇ شەھىرىدىكى ئامما زوراۋان – تېررورچىلارنى بويسۇندۇردى ھەم قولغا چۈشۈردى. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ باشقا جايلىرىدىكى ھەر مىللەت ئاممىسى جىنايى قىلمىشلار ۋە جىنايەت گۇماندارلىرىنى ئاكتىپ پاش قىلىپ، ساقچى تەرەپنىڭ زوراۋان – تېررورچىلارنى قولغا چۈشۈرۈشىگە ياردەم بەردى.

  بۇ قېتىم 30 مىڭدىن ئارتۇق ئاممىنىڭ ج خ ئورگىنى بىلەن بىرلىشىپ، زوراۋان – تېررورچىلارنى قورشاپ تۇتۇشى شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشتىن ئىبارەت خەلق ئۇرۇشىنى يەنىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈردى.

  زوراۋانلىق، تېررورلۇققا زەربە بېرىشتە ئەلۋەتتە مەخسۇس كۈچ ئاساسلىق قوشۇندۇر، ئەمما ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ كۈچىگە ئوخشاشلا سەل قاراشقا بولمايدۇ. يېقىنقى مەزگىللەردە، مۇناسىۋەتلىك تارماقلار ئامما تەمىنلىگەن يىپ ئۇچىغا ئاساسەن، رەزىللەرنىڭ ئۇۋىلىرى، شايكىلىرىنى يوقاتقانلىقى، شۇنىڭدەك ئاممىنىڭ قوراللىق كۈچلىرىمىزگە ياردەملىشىپ زوراۋان – تېررورچىلارنى بويسۇندۇرغانلىقى، قولغا ئالغانلىقى شۇنى تولۇق ئىسپاتلاپ بەردىكى، خەلق شەمشىرىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، كۈرەشكە مەردانە ئاتلىنىدىغانلا بولسا، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش كۈرىشى تۈگىمەس ئىجتىمائىي ياردەم كۈچىگە ئېرىشىپ، زوراۋان – تېررورچىلارغا يوشۇرۇنىدىغان ئورۇن، قاچىدىغان يول قالمايدۇ.

  بۇ ئۇرۇشنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشتە، ھەر بىر كىشى كۈرەشنىڭ ئالدىنقى سېپىدىكى قاراۋۇل بولۇشى كېرەك. زوراۋان – تېررورچىلار جەزمەن يوشۇرۇنۇپ يۈرۈيدۇ ھەم ھەرىكەتچان پائالىيەت قىلىدۇ، بۇ چەكلىك مەخسۇس كۈچلىرىمىزگە تايىنىپ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا قىيىنچىلىق تۇغدۇردى. لېكىن زوراۋان – تېررورچىلار مەيلى قانچىلىك ھىيلىگەر بولسۇن، مەيلى قانچىلىك يوشۇرۇنۇۋالسۇن، ھامان ئۆزىنى ئاشكارىلايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئاممىنىڭ ئۆتكۈر كۆزىگە تايىنىپ يىپ ئۇچىنى بايقىشىمىزغا، ئۇلارنىڭ پاش قىلىشىغا تايىنىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە مۇناسىۋەتلىك تارماقلارمۇ ئاممىغا زوراۋانلىق، تېررورلۇقنى بايقاش، پەرقلەندۈرۈش، ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش ساۋاتلىرى بىلەن ماھارەتلىرىنى ئۆگىتىپ، ھەممە كىشىنى زوراۋانلىق، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتىكى ئاخباراتچىلارغا ئايلاندۇرۇشى كېرەك. بۇنىڭدىن باشقا، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىدىن مۇداپىئەلىنىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش كۈرىشىدىكى جەڭگىۋار كۈچلەرنى ئۈزلۈكسىز زورايتىشىمىز كېرەك.

  يورۇقلۇققا قاراپ بىر قەدەم ئىلگىرىلىسەك، قاراڭغۇلۇق شۇنچە كەينىدە قالىدۇ. بىز مۇشۇ قېتىم تەقدىرلەنگەن ئىلغار كوللېكتىپلار بىلەن ئىلغار شەخسلەرنى ئۈلگە قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قۇدرەتلىك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ كونكرېت ئورۇنلاشتۇرۇشىدا، خەلق قوراللىق كۈچلىرىنىڭ تەڭداشسىز تىرەك بولۇشىدا، دەبدەبىلىك تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش خەلق ئۇرۇشىنى قوزغايلى. زوراۋان – تېررورچىلار پەيدا بولىدىغانلا بولسا، خەلق ئۇرۇشىنىڭ بىپايان دېڭىزىغا غەرق بولۇپ كەتسۇن.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر