باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئىشلىرىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى تىرىشىپ ئاچايلى

2014.08.04 14:22         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەركەزنىڭ 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

  جاڭ چۈنشيەن دۆلىتىمىز ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ھەل قىلغۇچ باسقۇچىغا قەدەم قويغان، شىنجاڭدىكى بۆلگۈنچىلىككە، سىڭىپ كىرىشكە، زوراۋانلىق، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشى كەسكىنلەشكەن، مۇرەككەپلەشكەن يېڭى ۋەزىيەتتە، مەركەز 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، شىنجاڭ خىزمىتىنى، بولۇپمۇ شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى خىزمىتىنى مەخسۇس مۇزاكىرە قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، يېڭى ۋەزىيەتتىكى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى، نىشان – ۋەزىپىسى، ئاساسىي پىرىنسىپى، ئاساسلىق ھۇجۇم يۆنىلىشى ۋە سىياسەت، تەدبىرلىرىنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇردى. بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆزىدە شىنجاڭ خىزمىتىنى ئىستراتېگىيەلىك قاراپ چىقىپ ۋە ئۇنى پىلانلاپ، شىنجاڭ ۋەزىيىتىنى ئىلمىي تەھلىل قىلىپ، شىنجاڭ خىزمىتىدىكى بىر قاتار مۇھىم نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت مەسىلىلىرىنى چوڭقۇر شەرھلىدى. ئۇ يېڭى ۋەزىيەتتىكى شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججىتى، پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئومۇمىي تەدبىرىنىڭ داۋاملىشىشى ۋە مۇكەممەللىشىشى، تەرەققىي قىلىشى ۋە يۈكسىلىشى بولۇپ، پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشىنىڭ يېڭى يۈكسەكلىككە، يېڭى مەنزىلگە يەتكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئۇ شىنجاڭ خىزمىتىگە چوقۇم مۇھىم ۋە چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ. بىزنىڭ ھازىرقى ئەڭ مۇھىم سىياسىي ۋەزىپىمىز يىغىن روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركەزنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش.

  بىرىنچى، ئىدىيەۋى تونۇشنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، مەركەزنىڭ 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئەتراپلىق چۈشىنىشىمىز كېرەك

  يېڭى ۋەزىيەتتە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ خىزمىتىنى مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە يۈكسەكلىككە كۆتۈردى. يىغىندا ‹‹ئۈچ مۇناسىۋەتلىك››: شىنجاڭنىڭ ۋەزىيىتى مەملىكەتنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋەزىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك؛ ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك؛ ‹‹ئىككى 100 يىللىق›› كۈرەش نىشانى ۋە جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك؛ ‹‹تۆت تەبىر››: شىنجاڭ غەربىي شىمالدىكى ئىستراتېگىيەلىك توسۇق، غەربنى كەڭ كۆلەمدە ئېچىش ئىستراتېگىيەسىدىكى نۇقتىلىق رايون، مەملىكىتىمىزنى غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى مۇھىم دەرۋازا، شۇنداقلا دۆلىتىمىزدىكى مۇھىم ئېنېرگىيە بازىسى ۋە تىرانسپورت يولى؛ ‹‹ئۈچنى ئېنىق كۆرۈش››: شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ئېنىق كۆرۈش، شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت ۋەزىيىتىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى ئېنىق كۆرۈش، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئىككى چوڭ ئومۇمىيەتنى پىلانلاشتىكى ئورنىنى ئېنىق كۆرۈش ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بىز شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى ئومۇمىيىتىدىكى ئالاھىدە مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى چوڭقۇر تونۇپ، سىياسىي مەسئۇلىيەت ئېڭىمىز ۋە تارىخىي بۇرچ ئېڭىمىزنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈشىمىز كېرەك. ھازىرقى ئەڭ مۇھىم ۋەزىپە تونۇشنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مېغىزىنى چىڭ ئىگىلەپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى مەركەزنىڭ 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈش.

  1. مەركەزنىڭ شىنجاڭ ۋەزىيىتى توغرىسىدىكى مۇھىم ھۆكۈمى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈشىمىز كېرەك. شىنجاڭنىڭ ھازىر زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى جانلىنىۋاتقان، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى كەسكىنلىشىۋاتقان مەزگىلدە، ‹‹داۋالاشنىڭ ئاغرىتىدىغان باسقۇچى›› دا تۇرۇۋاتقانلىقىنى چوڭقۇر تونۇپ، شىنجاڭدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەشنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىكى، مۇرەككەپلىكى، ئۆتكۈرلۈكىنى چوڭقۇر تونۇپ، شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتىكى ئالدىنقى سەپ بازىسى ۋە ئاساسىي جەڭ مەيدانى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ، ھازىرقى شىنجاڭ ۋەزىيىتىنىڭ ئاساسىي ھالىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، ئاخىرقى تۆۋەن چەك تەسەۋۋۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي جەھەتتىكى مەسئۇلىيەتنى كۈچەيتىپ، سوغۇققان، ئاقىلانە بولۇپ، ئۇنىۋېرسال سىياسەتنى يولغا قويۇپ، پۇختا ئورۇنلاشتۇرۇپ، قاتتىق زەربە بېرىپ، ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ، تۈرلۈك چوڭقۇر قاتلاملىق زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى بىر – بىرلەپ ھەل قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىشىمىز كېرەك.

  2.شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ كۆزلەش نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈشىمىز كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ كۆزلەش نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسى ئىكەنلىكىنى، ھەم شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانى ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئايدىڭلاشتۇردى. بۇ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ ۋەزىيىتى ۋە مەملىكەتنىڭ ئومۇمىيىتىگە ئاساسەن چىقارغان مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ھۆكۈمى بولۇپ، شىنجاڭدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرگە يېتەكچىلىك قىلىشتىكى ئومۇمىي پىروگرامما. بىز چوقۇم شىنجاڭدىكى ھازىرقى ئاساسىي زىددىيەتنى ياخشى ئىگىلەپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى زىچ چۆرىدەپ، ھەرقايسى ساھە، ھەرقايسى جەھەتلەردىكى خىزمەتلەرنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرۇشىمىز كېرەك. مۇقىملىق بىلەن مۇناسىۋەتسىز جاي، تارماق، ئادەم يوق دەيدىغان ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، بىخۇدلۇق ئىدىيەسىدىن ھەقىقىي ساقلىنىشىمىز ۋە ئۇنى يېڭىشىمىز؛ توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئاساس سالىدىغان، كەلگۈسىگە پايدىسى بولىدىغان خىزمەتلەرنى قىلىشقا جۈرئەت قىلىشىمىز؛ دېئالىكتىك تەپەككۇردا قەتئىي چىڭ تۇرۇپ، بىر خىل خاھىش بىلەن يەنە بىر خىل خاھىشنى ياپماسلىقىمىز؛ نورمال پىسخىك ھالەتتە بولۇپ، ئىستراتېگىيەلىك تۇرغۇنلۇق كۈچىمىزنى ساقلاپ، ئىشەنچىمىزنى چىڭىتىپ، ئېھتىياتچان بولۇپ، كىچىك غەلىبىلەردىن چوڭ غەلىبىگە ئۆتۈپ، ئاخىرقى غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشىمىز كېرەك.

  3.‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› لەردىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئۇلارغا زەربە بېرىش مۇھىم ۋەزىپىسى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈشىمىز كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى بۇزىدىغان باش مەنبە، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى قىلىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىشنى كۈرەشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىش كېرەك، دەپ ئېنىق كۆرسەتتى. بىز ھازىرقى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش كۈرىشىنىڭ بىر نەچچە زوراۋان – تېررورچىغا زەربە بېرىدىغان ئىش بولماستىن، بەلكى بىر مەيدان بۆلگۈنچىلىككە، سىڭىپ كىرىشكە، ئاغدۇرمىچىلىققا قارشى كەسكىن سىياسىي كۈرەش ئىكەنلىكىنى ئېنىق تونۇپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› لەردىن قاتتىق مۇداپىئەلىنىپ ۋە ئۇلارغا قاقشاتقۇچ زەربە بېرىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قەتئىي قوغدىشىمىز كېرەك.

  4. مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىدىكى تۈرلۈك تەلەپلىرى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈشىمىز كېرەك. بۇ قېتىمقى يىغىندا مەركەز شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى توغرىسىدا ئېنىق تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. مەركەزنىڭ تەلىپى بىزنىڭ ۋەزىپىمىز. بىز چوقۇم پارتىيەۋىلىك ۋە سىياسىينى تەكىتلەش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، ھەممىنى تولۇق ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز كېرەك.

  ئىككىنچى، سۇبيېكتلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پۈتۈن زېھنىمىز بىلەن ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك

  مەركەزنىڭ 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن بىر يۈرۈش مۇھىم ئورۇنلاشتۇرمىلار چىقىرىلدى، مىسلى كۆرۈلمىگەن بىر قاتار قوللاش تەدبىرلىرى ئېلان قىلىندى. بىز پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم سىياسەت، فاڭجېنلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى چۆرىدەپ، شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېزلىتىشنى يېتەكچى قىلىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى ئاساس قىلىپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، دىن ئەسەبىيلىكى ئىدىيەسىنىڭ يامرىشىنى چەكلەش قاتارلىقلارنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ يېڭى باسقۇچقا، يېڭى سەۋىيەگە كۆتۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك. شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىپ، شىنجاڭنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ مۇقىملاشتۇرۇش، شىنجاڭنى ئۇزاق مەزگىل قۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا، مىللەتلەرنىڭ ئالاقە قىلىشى، پىكىرلىشىشى، ئارىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە، دىنىي ئىشلارنى سوتسىيالىستىك جەمئىيەتكە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشقا، شىنجاڭ بىلەن ئىچكىرى ئۆلكىلەرنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى تېزلىتىشكە، ھەر مىللەت ئاممىسىنى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئەتراپىدا ئىتتىپاقلاشتۇرۇشقا پايدىلىق بولۇشنى خىزمەتنى ئۆلچەشنىڭ مۇھىم ئۆلچىمى قىلىشىمىز كېرەك. مەسىلىلەر يېتەكچىلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا مەسئۇلىيەتنى دادىل ئۈستىگە ئېلىشنى كۈچەيتىپ، خىزمەتلەرنى مەسىلىنى ھەل قىلىش ئارقىلىق ئىلگىرى سۈرۈپ، تەشەببۇسكارلىقنى ئىگىلىشىمىز كېرەك.

  1. زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىدىن مۇداپىئەلىنىپ ۋە ئۇلارغا قاقشاتقۇچ زەربە بېرىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى قەتئىي قوغدىشىمىز كېرەك. شىنجاڭدىكى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ كەسكىن، مۇرەككەپ ۋەزىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، ئۇزاق مۇددەت كۈرەش قىلىدىغان ئىدىيە تەييارلىقى ۋە خىزمەت تەييارلىقىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، غەلىبە ئىشەنچىمىزنى چىڭىتىپ، ئالاھىدە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىز كېرەك. قەرەلى بىر يىللىق زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىش مەخسۇس ھەرىكىتىنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن قانات يايدۇرۇپ، يول ئېچىپ، قاتتىق زەربە بېرىپ، ھەيۋىمىزنى كۆرسىتىشىمىز، ئالاھىدە كۈچلۈك، قاتتىق تەدبىر، ئادەتتىن تاشقىرى ۋاسىتە ئارقىلىق ھەر مىللەت خەلقىگە تىنچلىق، خاتىرجەملىك يارىتىشىمىز كېرەك. نۇقتىلىق رايون، مۇھىم ئورۇن، مۇھىم نىشان ۋە ئادەم توپلاشقان سورۇن، ئاممىغا ئاسان زىيان يېتىدىغان جايلاردا خەتەردىن ساقلىنىشنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك. تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش خەلق ئۇرۇشىنى ياخشى قىلىشتا ئاممىغا تەشۋىق قىلىپ، ئاممىنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ، ئاممىنى تەربىيەلەپ، مۇداپىئە ئېڭىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، پاش قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، بىرلەشمە مۇداپىئەلىنىش، بىرلەشمە كونترول قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئامما ئالدىنى ئېلىپ، ئامما تۈزەپ، پولات قورغان ياساپ، زوراۋان – تېررورچىلارنى ‹‹كوچىدىن ئۆتكەن چاشقان ئۇر – ئۇرغا قالغاندەك›› ھالەتكە چۈشۈرۈشىمىز كېرەك. زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇپ، قانۇن ئىدارە قىلىشتا، تەرتىپكە ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش تەپەككۇرى ۋە قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش ئۇسۇلىنى ماھىرلىق بىلەن ئىشلىتىپ، مەسىلىنى ھەل قىلىشىمىز كېرەك. قانۇن ئالدىدا ھەممە ئادەم باراۋەر، ھەر قانداق مىللەت ۋە دىنىي ئېتىقادنىڭ قانۇندىن ھالقىغان ئىمتىيازى بولمايدۇ، ھەرقانداق دەۋا ۋە ئارزۇ قانۇنىي يوللار ئارقىلىق ئىپادىلىنىشى ۋە ھەل قىلىنىشى كېرەك.

  2.مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ ئورتاق كۈرەش قىلىشى، ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئەڭ مۇھىم ئاممىۋى خىزمەت قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىشنى شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ ئاساسى قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ جان تومۇرى قىلىپ، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئۇلۇغ ۋەتەننى تونۇشى، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنى تونۇشى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى تونۇشى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزىم يولىنى تونۇشىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشتۇرۇشىمىز كېرەك. ھازىر مىللەتلەرنىڭ ئالاقە قىلىشى، پىكىر ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشىنى ئالاھىدە كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئورتاق ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش، خىزمەت ۋە ئۆگىنىش جەريانىدا چۈشىنىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھېسسىياتنى كۈچەيتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەشۋىقات – تەربىيەسى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى قەتئىي بوشاشماي قانات يايدۇرۇشىمىز كېرەك. ھەر مىللەت كادىرلىرى ئۈلگىلىك، باشلامچىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇشى، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار، خەلق تەشكىلاتلىرى، دېموكراتىك پارتىيە – گۇرۇھلارنىڭ ھەممىسى ھەرىكەتكە كېلىپ، دوستلۇق ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىش پائالىيىتى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە ئالماشتۇرۇش پائالىيىتى، ھەر خىل شەكىللەردىكى ئورتاق بەرپا قىلىش پائالىيەتلىرىنى كەڭ قانات يايدۇرۇشى كېرەك. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئۆزىدىن باشلاش، كىچىك ئىشلاردىن باشلاش، ئەتراپىدىكى ئادەم، ئىشلاردىن باشلاشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇپ، كىچىك ھەرىكەتلەردىن غايەت زور ئاكتىپ كۈچ توپلىشىمىز كېرەك.

  3.پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى ئاساسىي فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، دىن خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىمىز كېرەك. قانۇنلۇقلىرىنى قوغداش، قانۇنسىزلىرىنى مەنئى قىلىش، ئەسەبىيلىكنى چەكلەش، سىڭىپ كىرىشكە قارشى تۇرۇش، جىنايەتلەرگە زەربە بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، دىن ئىشلىرىنى باشقۇرۇشنى قانۇن بويىچە كۈچەيتىپ، دىننى سوتسىيالىستىك جەمئىيەتكە ئۇيغۇنلىشىشقا ئاكتىپ يېتەكلىشىمىز كېرەك. ھازىرقى ئەڭ گەۋدىلىك خىزمەت ‹‹ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش›› نى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈشىمىز، قاتتىق قول سېلىپ، دىن ئەسەبىيلىكى قانۇنسىز قىلمىشلىرىغا قاتتىق زەربە بېرىشىمىز كېرەك. قاتتىق، چىڭ تۇتۇپ، ‹‹قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەر، قانۇنسىز دىنىي تەشۋىقات بۇيۇملىرى، قانۇنسىز دىنىي تورلاردا تارقىتىش›› نى تۈزەشنى كۈچەيتىپ، دىن ئەسەبىيلىكى ئىدىيەسىنىڭ تارقىلىش يوللىرىنى ئۈزۈپ تاشلىشىمىز كېرەك. تەكشۈرۈش بىلەن يېتەكلەشنى بىرلەشتۈرۈش، ئۇنىۋېرسال سىياسەت يولغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، دىنىي پائالىيەتلەرنىڭ قېلىپلاشقان، تەرتىپلىك ئۆتكۈزۈلۈشىنى قانۇن بويىچە كاپالەتلەندۈرۈپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ قانۇنلۇق دىن ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلىشىمىز، بولۇپمۇ دىنىي تەشكىلاتلارنىڭ رەھبەرلىك ھوقۇقىنىڭ ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنىڭ قولىدا بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.

  4.خەلق تۇرمۇشىغا يېقىنلىشىپ، ھالقىما تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك. ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى كۆزلەش نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسى، تەرەققىيات سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشنى مەركەز قىلىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشىنى مۇھىم پۇرسەت بىلىپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، ئەلنى مايىل قىلىشنى نىشان قىلىپ، جۇڭگوچە، شىنجاڭچە ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىلمىي تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىمىز كېرەك. مەيلى قانداق ئەھۋال يۈز بەرسۇن، شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ تېز تەرەققىي قىلىشىنى قەتئىي ئېغىشماي ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، كۆپ كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغىلى بولىدىغان ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپ، مۇلازىمەت كەسپى، ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلار ۋە پۇقراۋى كارخانىلارنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى كۆپ خىل يول، كۆپ خىل ئۇسۇل بىلەن ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك. مائارىپنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشنى ئاساسىي ۋەزىپە، جەنۇبىي شىنجاڭنى مۇھىم نۇقتا، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى، قوش تىللىق مائارىپ ۋە كەسپىي مائارىپنى بۆسۈش ئېغىزى قىلىپ، ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك مەكتەپلەرنىڭ تەربىيەلەش سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشىمىز كېرەك. ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مۇھىت ئاسراشنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇش، ئېكولوگىيەلىك رايون قۇرۇش ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، بايلىق ئېچىش ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇش يولىدا مېڭىشىمىز كېرەك. ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ يادرولۇق رايونىنى كۈچەپ قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك. شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنى ئۇزاق مۇددەتلىك ئىستراتېگىيە قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىككە پايدىلىق بولۇشنى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشتىكى ئاساسىي نىشان قىلىپ، خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش، مائارىپ، ئىختىساسلىقلار قاتارلىق خىزمەتلەرنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈشىمىز كېرەك.

  5. ئىدېئولوگىيە خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنىڭ ئىدىيەۋى ئاساسىنى مۇستەھكەملىشىمىز كېرەك. ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەشنى كۈچەيتىشتە ئەڭ مۇھىم خىزمەت مىللىي بۆلگۈنچىلىك ۋە دىن ئەسەبىيلىكى ئىدىيەسىنىڭ سىڭىپ كىرىشىنى توسۇش، ئاممىنى تەربىيەلەش ۋە يېتەكلەش، ئەلرايىنى قولغا كەلتۈرۈش، كادىرلار، ئاممىنىڭ ‹‹ئىممۇنىتېت ئىقتىدارى››نى كۈچەيتىش. سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت سىستېمىسى ئارقىلىق ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئورتاق مەنىۋى ماكانىنى بەرپا قىلىش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ۋە جۇڭگو ئارزۇسى تەشۋىقات – تەربىيەسىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، توغرا ۋەتەن قارىشى، مىللەت قارىشىنى تۇرغۇزۇشىمىز كېرەك. مۇھىم ئىدىيە، نەزەرىيەۋى مەسىلىلىرىنى تەھلىل قىلىش ۋە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، خاتا قاراشلارغا بايرىقىمىز روشەن ھالدا رەددىيە بېرىپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ھەق – ناھەقنى ئايرىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك. زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پەرقلەرگە ھۆرمەت قىلىپ، كۆپ خىل بولۇشقا كەڭ قورساق بولۇپ، بىر گەۋدىلىك، كۆپ مەنبەلىك، يۇغۇرۇلغان، ئېچىۋېتىلگەن، شىنجاڭچە ئالاھىدىلىككە ئىگە زامانىۋى مەدەنىيەتنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇشىمىز، ‹‹ۋەتەننى – شىنجاڭنى سۆيۈش، ئىتتىپاق ئۆتۈش – تۆھپە قوشۇش، تىرىشىپ ئىشلەش – ئۆزئارا ياردەملىشىش، ئېچىۋېتىش – ئىلگىرىلەش›› تەك شىنجاڭ روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇشىمىز كېرەك. ئاساسىي قاتلام، بولۇپمۇ يېزىلارنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، زامانىۋى مەدەنىيەت ئىدىيەسى ۋە ھەرىكەت ئۇسۇلىنى زور كۈچ بىلەن تارقىتىپ، رېئال تۇرمۇش ئۇسۇلىنى تەشەببۇس قىلىپ، ئاممىنى مەنىۋى ۋە قىزىقىش جەھەتتە رېئاللىققا، زامانىۋىيلىشىشقا يېقىنلىشىشقا يېتەكلىشىمىز كېرەك.

  ئۈچىنچى، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، مۇھىم ھالقىنى تۇتۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ خىزمىتىنى زور كۈچ سەرپ قىلىپ ياخشى ئىشلىشىمىز كېرەك

  جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىنىڭ تەبىئىي شارائىتى جاپالىق، ئىشقا ئورۇنلىشىش شارائىتى ناچار، ئاھالە قۇرۇلمىسى بىر خىل، ئاممىنىڭ قىيىنچىلىقى بىر قەدەر كۆپ. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ ئوتتۇرىچە GDP سى ئاپتونوم رايونىمىز ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىنىڭ %45 ىگە يەتمەيدۇ، يېزىلاردىكى نامرات ئاھالە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى نامرات ئاھالىنىڭ %85ىنى، يېزىلاردىكى ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئېشىنچا ئەمگەك كۈچىنىڭ %63ىنى ئىگىلەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، دىنىي كەيپىيات بۇرمىلانغان، ئەتراپتىكى مۇھىت مۇرەككەپ بولۇپ، كۈرەش ۋەزىيىتى كەسكىن. جەنۇبىي شىنجاڭ ھەم تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى نۇقتىلىق رايون، شۇنداقلا خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش قىيىن بولۇۋاتقان رايون. بۇ قېتىم مەركەز دۆلەت قاتلىمىدىن جەنۇبىي شىنجاڭنى يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەپ، مالىيە، مەبلەغ سېلىش، پۇل مۇئامىلە، ئىختىساسلىقلاردا ئالاھىدە سىياسەتنى يولغا قويۇپ، يۆلەش سالمىقىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇپ، مەركەزنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ گەۋدىلىك مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشتىكى قەتئىي ئىرادىسىنى نامايان قىلدى. بىز جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمىتىنى ھەقىقىي تۈردە تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىپ، سىياسەتلەردىن ياخشى پايدىلىنىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئەمەلىي رول ئويناپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي كەيپىياتىنى تىرىشىپ ئۆزگەرتىشىمىز كېرەك.

  1. تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداشنى جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمىتىدىكى ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇشىمىز كېرەك. شىنجاڭدا، بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭدا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، بىزنىڭ ھەل قىلغۇچ جەڭدە غەلىبە قازىنىشىمىزدا ئاچقۇچلۇق ئورۇندا تۇرىدۇ. تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمىتىدىكى 1 – ئورۇندا تۇرىدىغان ۋەزىپە قىلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى سىياسىي – قانۇن تارماقلىرى ۋە يېزا – بازارلارنىڭ خىزمەت كۈچىنى يەنىمۇ تولۇقلاپ، مەركەزلىك تۈزەشنى كۈچەيتىپ، قاقشاتقۇچ زەربە بېرىش مەخسۇس ھەرىكىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، ‹‹ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش›› كە ھەقىقىي كۈچەپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى ۋە دىن ئەسەبىيلىكى ئىدىيەسىنىڭ سىڭىپ كىرىپ يامراپ كېتىشىنى قەتئىي توسۇشىمىز كېرەك.

  2. خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش جەھەتتە بۆسۈش ھاسىل قىلىشىمىز كېرەك. تەرەققىياتنى تۇتۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇش، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش ئارقىلىق ئاممىنىڭ قىلىدىغان ئىشى بولۇشى، تاپىدىغان پۇلى بولۇشى ۋە ئۈمىدۋار بولۇشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىشىمىز كېرەك. يېزا ئىگىلىكىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىدە ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يوشۇرۇن كۈچلىرىنى قېزىشىمىز كېرەك. توقۇمىچىلىق، كىيىم – كېچەك قاتارلىق ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەرنى يۈكسەلدۈرۈشىمىز، يەرلىكنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ ‹‹چاققان، قولاي، ئۈنۈملىك›› تۈرلەرنى راۋاجلاندۇرۇپ، ساياھەتچىلىكنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كۆپ خىل تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، يېزىلاردىكى ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشىمىز كېرەك. جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مائارىپ تەرەققىياتىنى قوللاشقا دائىر ئالاھىدە سىياسەت، تەدبىرلەرنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئوقۇش يېشىدىكى بالىلار مەكتەپتىن توختاپ قېلىش، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى يېتەرلىك بولماسلىق، دىن ئەسەبىيلىكى ئىدىيەسى مەكتەپلەرگە سىڭىپ كىرىش قاتارلىق گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى نۇقتىلىق ھەل قىلىشىمىز كېرەك. داۋالاش مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، ھەر مىللەت خەلقى باراۋەر بولغان پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، مۇۋاپىق تۇغۇت سەۋىيەسىنى تۆۋەنلىتىشىمىز ھەم مۇقىملاشتۇرۇشىمىز كېرەك .

  3.يۆلەش – ئېچىش سالمىقىنى ھەقىقىي ئاشۇرۇشىمىز كېرەك. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى تارماق رايونلاردا نامراتلارنى يۆلەش پىلانىنى كەڭ يولغا قويۇش، تەۋەلىك سىرتىدىكى قىسمەن نامرات ئائىلىلەرگە يۆلەك بولۇشقا ئەھمىيەت بېرىشىمىز، چېگرا رايوندىكى نامراتلارنى يۆلەشنى مۇكەممەللەشتۈرۈشىمىز، تاغلىق رايونلاردىكى نامراتلارنى يۆلەشنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز، نامراتلارنى توغرا يۆلەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشىمىز كېرەك. يېزىلاردا بىخەتەر سۇ ئىچىش، ‹‹شىمالنىڭ توكىنى جەنۇبقا يەتكۈزۈش››، يېزا تاشيول قۇرۇلۇشى، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تەبىئىي گازدا خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى، يېزىلاردىكى ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى قاتارلىق خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك قۇرۇلۇشلارنى ياخشى يولغا قويۇپ، دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتىنى كۈچەپ ياخشىلىشىمىز كېرەك.

  4. ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىمىزنى پۇختىلىشىمىز كېرەك. جەنۇبىي شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ بازىنى چىڭ ساقلاشتا مۇھىمى قۇدرەتلىك ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى ۋە كادىرلار قوشۇنىغا تايىنىشىمىز كېرەك. مەركەز جەنۇبىي شىنجاڭدىكى كادىرلارنىڭ تەمىناتىنى ئۆستۈرۈش، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى ۋە ھاكىمىيەت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشكە دائىر سىياسەتلەرنى چىقاردى، ئاپتونوم رايونىمىز ئەمەلىيلەشتۈرۈش پىكرىنى تېز بېكىتىشى ھەم شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك، ئەسقاتىدىغان تەدبىرلەر ئۈستىدە ئىزدىنىپ، كادىرلار قوشۇنى مۇقىم بولماسلىق، كۈچى يېتەرلىك بولماسلىق، ئىختىساسلىقلار ئېقىپ كېتىش مەسىلىلىرىنى ھەقىقىي ياخشى ھەل قىلىشى كېرەك.

  تۆتىنچى، سىياسىي مەسئۇلىيەتنى كۈچەيتىپ، خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇشىمىز كېرەك

  1.سىياسىيدا مۇستەھكەم، ئىقتىدارى يۇقىرى، ئىستىلى دۇرۇس، زېھنىي ۋە كۈچ – قۇۋۋىتى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان كۈچلۈك كادىرلار قوشۇنىنى قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ‹‹ئېتىقادى چىڭ بولۇش، خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش، تىرىشچان، ئەمەلىيەتچىل بولۇش، مەسئۇلىيەتنى دادىل ئۈستىگە ئالالايدىغان بولۇش، پاك – دىيانەتلىك بولۇش››تىن ئىبارەت ياخشى كادىرلار ئۆلچىمى بويىچە، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان كادىرلار قوشۇنىنى تىرىشىپ قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك. سىياسىي جەھەتتە مۇستەھكەم بولۇش دېگەنلىك پارتىيەگە سادىق بولۇش، مەيدانى مۇستەھكەم بولۇش، سىياسىي جەھەتتە سەزگۈر بولۇش، مەسئۇلىيەتنى دادىل ئۈستىگە ئالالايدىغان بولۇش، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزىنى ئاڭلىق قوغدايدىغان بولۇش، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش قاتارلىق مۇھىم مەسىلىلەردە پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامىغا قاتتىق ئەمەل قىلىدىغان بولۇش، تونۇش، پوزىتسىيەسى مۈجمەل بولماسلىق، ھەرىكىتىدە تەۋرىنىش بولماسلىق، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە زەربە بېرىش كۈرىشىدە باشلامچى، ئۈلگىلەردىن بولۇش، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››، ‹‹ياخشىچاق››بولماسلىق، كۆرۈنۈشتە ئەمەل قىلىپ، ئاستىرتىن خىلاپلىق قىلماسلىق، قەتئىي پارتىيەۋىلىكى بىلەن كاپالەتلىك قىلىش، مەركەزنىڭ تەدبىرلىرى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۆرسىتىدۇ. ئىقتىدار يۇقىرى بولۇش دېگەنلىك بىرقەدەر كۈچلۈك بولغان سىياسەت ئۆگىنىش ۋە چۈشىنىش ئىقتىدارى بولۇش، مۇرەككەپ ۋەزىيەتنى تىزگىنلىيەلەيدىغان ئىقتىدار بولۇش، ئاممىۋى خىزمەت ئىشلەش ئىقتىدارى بولۇش، ھەر مىللەت كادىرلىرىنىڭ ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرەلەيدىغان ئىقتىدار بولۇش، جۈرئەتلىك بولۇش، ئىش قىلالايدىغان بولۇشنى كۆرسىتىدۇ. ئىستىلى دۇرۇس بولۇش دېگەنلىك ‹‹ئۈچتە قاتتىق بولۇش، ئۈچتە ئەمەلىي بولۇش›› تەلىپى بويىچە، ئۆزىنىڭ ھەرىكىتىنى قاتتىق قېلىپلاشتۇرۇش، جياۋ يۈلۇ روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇش، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتچىلىق، راھەتپەرەسلىك، ئىسراپخورلۇق شامىلىنى ئاڭلىق چەكلەشنى كۆرسىتىدۇ. زېھنىي ۋە كۈچ – قۇۋۋىتى ئۇرغۇپ تۇرۇش دېگەنلىك ئۆگىنىشتە يۇقىرى ئۆلچەم قويۇش، ئىش بەس سالماسلىق، تۇرمۇشتا قاتتىق تەلەپچان بولۇش، ئىدىيەدە بوشاڭلىق قىلماسلىق، پىسخىك جەھەتتە ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش ئىقتىدارى بولۇش، بولۇپمۇ مۇرەككەپ ۋەزىيەت، ئېغىر خىزمەتكە يولۇققاندا ئۆزىنى تەمكىن تۇتۇش، قورقماسلىق، بوشىشىپ كەتمەسلىك، قىيىن ئەھۋالغا، زەربە بېرىشكە تاقابىل تۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ.

  2.ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش، مۇقىملىقنى قوغداش، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ مۇستەھكەم جەڭگىۋار قورغىنىنى مۇستەھكەملىشىمىز كېرەك. نۇقتىلىق ھالدا كەنت دەرىجىلىك ئورۇنلارنى كۈچەپ، كەنت پارتىيە ياچېيكىسى شۇجىسىنى ياخشى تاللاپ ۋە سەپلەپ، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىنى كۈچەيتىشىمىز، كەنت ئاھالە گۇرۇپپىسى باشلىقىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىشىمىز، مۇنەۋۋەر يېزا ياشلىرىنى پارتىيەگە پائال تەرەققىي قىلدۇرۇشىمىز كېرەك. ئاجىز، چېچىلاڭغۇ ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى تەرتىپكە سېلىشنى خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىپ، پارتىيە بايرىقىنى ھەر بىر ئاساسىي قاتلام بازىسىدا ئېگىز لەپىلدىتىشىمىز كېرەك. ئاساسىي قاتلامدىكى كۈچلەرنى يەنىمۇ تولۇقلاپ كۈچەيتىپ، سەرخىل قوشۇننى ئاساسىي قاتلامغا چۈشۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، كەنت دەرىجىلىك تەشكىلات، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت گۇرۇپپىسى، كەنت ساقچى قاراۋۇلخانىسى بىرگەۋدىلەشكەن خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشىمىز كېرەك. ئۇزاق مۇددەت ئاساسىي قاتلامدا خىزمەت قىلىۋاتقان ھەرمىللەت كادىرلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، رىغبەتلەندۈرۈش كاپالەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئەندىشىسىنى تۈگىتىشىگە ياردەم بېرىپ، ئۇلارنى قالدۇرۇپ قالىدىغان مۇھىت يارىتىشىمىز كېرەك. ‹‹ياخشى نام ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ بولسۇن، ياخشى ئىش ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىنىڭ بولسۇن›› دا چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىي ئىش، ياخشى ئىش قىلىش جەريانىنى ھەقىقىي تۈردە ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇش، ئۇلارغا تەربىيە بېرىش ۋە يېتەكلەش جەريانىغا، يېزا، كەنت كادىرلىرىنىڭ ئوبراز تىكلەپ، ئىناۋىتىنى ئاشۇرىدىغان جەريانغا ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك.

  3. ئاممىۋى لۇشيەندە چىڭ تۇرۇپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك. مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئون تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پايدىغا بېرىلمەسلىك، ئالاھىدە ئىمتىيازدا بولماسلىق، كادىرلار، ئاممىنىڭ ئارقىسىدىن يامان گېپىنى قىلماسلىقىمىز كېرەك. پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، سىياسىي ئېڭى كۈچلۈك بولماسلىق، ئاممىدىن ئايرىلىش، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشى ئەمەلىيلەشمەسلىك، ئاممىنىڭ مەنپەئەتىگە، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا زىيان يەتكۈزۈش قاتارلىق جەھەتلەردە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى گەۋدىلىك ھەل قىلىپ، خەلق رازى بولىدىغان ئەمەلىي ئۈنۈمنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈشىمىز كېرەك. 200 مىڭ ئورگان كادىرى ئاساسىي قاتلامغا چۈشۈش، 10 مىڭ كەنتتە تۇرۇپ ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› پائالىيىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەلنى مايىل قىلىش جەھەتتە نۇقتىلىق كۈچەپ، شەكىلۋازلىقتىن تىرىشىپ ساقلىنىپ، پائالىيەتنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ماھىيەتتىن تۈزەشتە ھەقىقىي تۈردە مۇھىم رول ئوينىشىمىز كېرەك. يېڭى ۋەزىيەتتە ئاممىۋى خىزمەتتە يولۇققان يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلىلەرنى چوڭقۇر مۇزاكىرە قىلىپ، ئاممىۋى خىزمەت ئېڭىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ئاممىۋى خىزمەت ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، ئاممىۋى خىزمەت مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىپ، ئاممىۋى خىزمەتنىڭ يېقىنلىشىش كۈچى، تەسىر قىلىش كۈچى، جەلپ قىلىش كۈچىنى كۈچەپ ئاشۇرۇشىمىز كېرەك.

  مەركەزنىڭ 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ھەرمىللەت كادىرلىرىنى پارتىيەۋىلىك، ئىستىل، ئىقتىدار جەھەتتىن سىناش ھېسابلىنىدۇ. قەتئىيلىكنى جەزمەن كۈچەيتىپ، چۈشىنىش كۈچى، ئەمەلىيلەشتۈرۈش كۈچى، ئىجرا قىلىش كۈچىنى ئاشۇرۇشىمىز؛ دېموكراتىيەنى كەڭ دائىرىدە جارى قىلدۇرۇپ، كادىرلار، ئاممىدىن ئەقىل – پاراسەت سورىشىمىز؛ نازارەتچىلىك، تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ ئىنتىزام چەكلىمىسىنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك. مەركەزنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقى ۋە خەلقنىڭ تەقەززاسى ئالدىدا بىز چوقۇم بۇرچنى ئۈستىمىزگە ئېلىشنى كۈچەيتىپ، كۈرەش قىلىش بايرىقىنى ئېگىز لەپىلدىتىپ، تىرىشقاندىلا ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ، تىرىشساقلا ئۆزگەرتەلەيمىز دېگەندە چىڭ تۇرۇپ، ئۆزگىرىش ياساپ، دادىل ئۈستىمىزگە ئېلىپ، ئۈنۈمنى كۆزلەپ، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىپ، تۆھپە قوشۇشقا جۈرئەت قىلىپ، ئاغرىنماي – مىننەت قىلماي، ئىتتىپاق – ئىناق، ئاۋات، باي، مەدەنىي، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان سوتسىيالىستىك شىنجاڭنى تىرىشىپ قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك.

  (ئاپتورى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر