باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

خوتەندىكى 30 مىڭدىن كۆپرەك يەرلىك ئامما زوراۋان - تېررورچىلارنى قورشاپ ئاختۇرۇپ تۇتۇشقا ئۆزلۈكىدىن قاتناشتى

2014.08.04 08:44         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ساقچى دائىرىلىرىدىن ئىگىلىشىچە، شىنجاڭنىڭ خوتەن ۋىلايىتىدىكى ج خ ئورگانلىرى 27 - ئىيۇل بىر زوراۋانلىق، تېررورلۇق شايكىسىنىڭ دېلوسىنى رازۋېدكا قىلىش جەريانىدا، ئاممىنىڭ پاش قىلىشىغا ئاساسەن، نىشاننى قامال قىلىپ، ساقچى كۈچلىرىنى تېزدىن تەشكىللەپ ئەتراپنى قورشىغان، 30 مىڭدىن كۆپرەك يەرلىك ئامما بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئاختۇرۇپ تۇتۇش قوشۇنىغا قوشۇلغان.

  1–ئاۋغۇست ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 10 دىن 15 مىنۇت ئۆتكەندە، ئامما قاراقاش ناھىيەسىنىڭ پۇرچاقچى يېزىسىدىكى بىر قوناقلىقتىن زوراۋانلارنىڭ ئىزىنى بايقىغان. ج خ ساقچىلىرى ۋە 30 مىڭدىن كۆپرەك ئامما بىرلىشىپ، زوراۋانلارنى قورشاپ، ئۇلارنى بىر تاشلاندۇق ئۆيگە قىستاپ ئاپارغان. زوراۋانلار ساقچى ۋە ئاممىغا قارىتىپ پارتلاتقۇچ قۇرۇلمىسى ئاتقان ، ساقچىلار كەسكىن بىر تەرەپ قىلىپ، توققۇز زوراۋاننى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن ، بىر زوراۋاننى قولغا ئالغان، ج خ ساقچىلىرى ۋە ئاممىدىن بىرمۇ كىشى يارىلانمىغان.

  دېلونى رازۋېدكا قىلىش ۋە بىر تەرەپ قىلىش جەريانىدا، 70 تىن كۆپرەك ئامما يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر