خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: باھار ـــ ھەممىلا مەۋجۇدات تىرىلىدىغان ئېسىل مەۋسۇم، شۇنداقلا، ئۈچەككە كىرگەن جانلىقلار ئويغىنىدىغان پۇرسەت. 2-ئاينىڭ 19-كۈنى قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ئاخبارات ساھەسى خەلق قۇرۇلتىيى تەشۋىقاتىنىڭ يېڭى باھارىنى كۈتىۋالدى، شۇ كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قەشقەر ۋىلايەتلىك خىزمەت كومىتېتى تۈنجى قېتىم خەلق قۇرۇلتىيى ئاخبارات تەشۋىقات خىزمىتىنى خۇلاسىلاش، تەقدىرلەش يىغىنى چاقىرىپ، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ 2013- يىللىق خەلق قۇرۇلتىيى ئاخبارات تەشۋىقات خىزمىتىنى خۇلاسىلاپ، پوسكام ناھىيەسى قاتارلىق ئۈچ ئىلغار كوللېكتىپنى ۋە ئىلھام مۇھەممەت قاتارلىق بەش مۇنەۋۋەر ئۇچۇر خادىمىنى تەقدىرلىدى، 59 ئۇچۇر خادىمىغا 28380 يۈەن مۇكاپات پۇلى بەردى، بۇ يىللىق خەلق قۇرۇلتىيى ئاخبارات تەشۋىقات خىزمىتىگە كونكرېت تەلەپلەرنى قويدى، شۇنداقلا، «قەشقەر گېزىتى» نىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى يولداش ليۇ يىبىڭنى تەكلىپ قىلىپ، خەلق قۇرۇلتىيى سىستېمىسىدىكى تەشۋىقات خىزمىتى خادىملىرىنى تەربىيەلىدى.
ئىگىلىنىشچە، ۋىلايەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى خىزمەت كومىتېتى 2012- يىلى 12- ئايدا قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى تەشۋىقات خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنى چاقىرىپ، «خەلق قۇرۇلتىيى تەشۋىقات خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدا پىكىر» نى بېكىتىپ، «قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى ئاخبارات تەشۋىقاتى بويىچە مۇكاپاتلاش تۈزۈمى» نى يولغا قويغان، شۇنىڭدىن بۇيان ھەرقايسى ناھىيەلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرى ۋە يېزا، بازارلىق خەلق قۇرۇلتىيى ھەيئەت رىياسەتلىرى ۋىلايەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى خىزمەت كومىتېتىنىڭ «خەلق قۇرۇلتىيى تەشۋىقات خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدا پىكىر» نىڭ روھىنى ئىزچىل ئەمەلىلەشتۈرۈپ، ھەردەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ تۈرلۈك يىغىنلىرى ۋە قانات يايدۇرغان تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ، ھەر دەرىجىلىك ئاساسلىق ئاخبارات ۋاستىلىرىدا قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىگە ئائىت 200 پارچىدىن ئارتۇق خەۋەر- ماقالە ئېلان قىلغان. (پوسكام ناھىيەلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىدىن ئابلەت ئەخمەت)
سۈرەتتە: ئىلغار كوللېكتىپلارنى تەقدىرلەش نەق مەيدانىدىن كۆرۈنۈش.
مۇھەررىر: مۇسا ھەيدەر
مەنبە: خەلق تورى