- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


تۇرپان شەھىرى يار يېزىسىدا دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ نان يېقىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى (1)
2014.02.26 11:25 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
20-فېۋرال چۈشتىن كېيىن ، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ تەقەززالىق بىلەن كۈتۈشى ئىچىدە تۇرپان شەھىرى يار يېزىسىدا دېھقان-چارۋىچىلار نان يېقىش مۇسابىقىسى باشلاندى .
يېڭى شەھەر غەربىي قوۋۇق كەنتىدىكى ئىنئام سودا چەكلىك شىركىتى قورۇسىدا نان يېقىشقا تەييار تۇرغان ئۇستاملار رىياسەتچىنىڭ مۇسابىقە باشلانغانلىقىنى ئېلان قىلىشى بىلەن ئۆز ماھارەتلىرىنى ئىشقا سېلىپ ، خېمىر يۇغۇرۇش ، تۇز چېچىش ، شەكىل چىقىرىش ، ناننى تونۇرغا يېقىش ... دېگەندەك بىر قاتار جەريانلارنىڭ ھەممىسىنى ناھايىتى تېزلىكتە بىر قوللۇق ئىشلىدى ، ئۇزاق ئۆتمەي ، ھەر خىل شەكىلدىكى قىزىرىپ پىشقان نانلار ئامما ئالدىدا نامايان بولۇپ ، ئەتراپ ناننىڭ خۇش ھىدىغا تولدى .
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر