باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىز تۇنجى تۈركۈمدە 70 مىڭغا يېقىن كادىرنى كەنتلەرگە ئەۋەتىدۇ

2014.02.26 10:05         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  لى ياڭنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىز 14 – فېۋرال ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلاردىكى كادىرلارنىڭ ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئاچقان. يىغىندىن كېيىن، جايلار، تارماقلار بىر قىسىم كادىرلارنى ئاساسىي قاتلامغا ئەۋەتىشتە چىڭ تۇرۇپ، سەرخىل كۈچلەرنى ئاجرىتىپ، كەنتلەردە تۇرۇشلۇق خىزمەت گۇرۇپپىسى قۇرغان. ھازىرغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدا تۇنجى تۈركۈمدە 70 مىڭغا يېقىن كادىر ئاساسىي قاتلامغا ئەۋەتىلىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايوننىڭ سەپەرۋەرلىك يىغىنىدىن كېيىن، ھەر دەرىجىلىك كادىرلار ئاكتىپلىق بىلەن تىزىمغا ئالدۇرغان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تۆت چوڭ بەنزە رەھبەرلىرىدىن تارتىپ نازارەت، ئىدارىلەرنىڭ رەھبەرلىك بەنزىسى ئەزالىرىغىچە، ئورگانلاردىكى ئوتتۇرا قاتلام رەھبەرلىرىدىن ئادەتتىكى كادىرلارغىچە تۇنجى تۈركۈمدە ئاساسىي قاتلامغا بېرىشنى بەس – بەستە تەلەپ قىلغان. شىنجاڭغا ياردەمگە كەلگەن نۇرغۇن كادىرنىڭ بۇ يىلنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا ئالمىشىدىغان ۋاقتى توشىدىغان بولسىمۇ، مۇددىتىنى ئۇزارتىپ، كەنتلەردە تۇرۇپ خىزمەت قىلىشنى تەلەپ قىلغان. ئاپتونوم رايونلۇق ئەدلىيە نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق تاشقى ئىشلار ئىشخانىسى قاتارلىق ئورۇنلار تەشەببۇسكارلىق بىلەن خوتەن ۋىلايىتىنىڭ ئەڭ جاپالىق كەنتلىرىدە خىزمەت قىلىشنى تەلەپ قىلغان.

  بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق تارماقلار ۋە مەركەزنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئورۇنلىرىدىكى 182 ئورگاندىن 492 خىزمەت گۇرۇپپىسى تەشكىللىنىپ، 3292 كادىر تۆۋەنگە چۈشۈرۈلىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە نازىر دەرىجىلىك كادىردىن 272 سى، باشقارما باشلىقى دەرىجىلىك كادىردىن 1426 سى، ئايال كادىردىن 477 سى بار ئىكەن. ئۆلكە باشلىقى دەرىجىلىك ئالتە كادىر باشچىلىقىدىكى تەكشۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسى 26 – فېۋرال ئارقا – ئارقىدىن خىزمەت نۇقتىلىرىغا بېرىپ خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرىدىكەن. 24 – فېۋرالدىن 27 – فېۋرالغىچە، ئاپتونوم رايونىمىز كەنتلەردە تۇرۇشلۇق خىزمەت گۇرۇپپىلىرىنىڭ باشلىقلىرىنى تۆت كۈن مەركەزلىك تەربىيەلەيدىكەن، تارماقلار تۆۋەنگە ئەۋەتىلىدىغان كادىرلارنى ئاز بولغاندا ئۈچ كۈنلۈك مەخسۇس تەربىيەلەشكە تەشكىللەپ، كادىرلارنىڭ زۆرۈر سىياسەت، ئۇسۇل – چارە بىلىملەرنى ئۆگىنىشى ۋە ئىگىلىشىگە، ئورگان كادىرلىرىنىڭ تېزدىن ئاساسىي قاتلامدىكى خىزمەتنىڭ ئېھتىياجىغا ماسلىشىشىغا ياردەم قىلىدىكەن. 1 – مارت ئاپتونوم رايونىمىز ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلاردىن تۇنجى تۈركۈمدە تۆۋەنگە ئەۋەتىلىدىغان كادىرلارنى ئۇزىتىش يىغىنى ئاچىدىكەن، ئۇلار جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى نۇقتىلىق مۇرەككەپ كەنتلەرگە ئورۇنلىشىدىكەن. 5 – مارتتىن بۇرۇن ھەر دەرىجىلىك خىزمەت گۇرۇپپىلىرى خىزمەت نۇقتىلىرىغا بېرىپ خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر