- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئۈرۈمچىدە 3 مىليون 600 مىڭ كىۋادرات مېتىر كۆلەمدىكى قۇرۇلۇش ئېنېرگىيە تېجەيدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىلىدۇ
2014.02.14 16:05 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
ئۈرۈمچى شەھىرى 2014-يىلى 3 مىليون 600 مىڭ كىۋادرات مېتىر كۆلەمدىكى كونا قۇرۇلۇشلارنى ئېنېرگىيە تېجەيدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىشنى پىلانلىدى . شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئولتۇراق رايونلار تەۋەلىكتىكى مەھەللە ئىش بېجىرىش ئورۇنلىرىغا بېرىپ ئۆزگەرتىشكە ئىلتىماس قىلسا بولىدىكەن ، ئىلتىماس قىلىش ۋاقتى مارتنىڭ ئوتتۇرلىرىغىچە بولىدىكەن .
11-فېۋرال ، مۇخبىرنىڭ ئالاقىدار تارماقلاردىن ئىگىلىشىچە ، بۇ نۆۋەت ئۆزگەرتىش پىلانىغا كىرگۈزۈلگەن قۇرۇلۇش دائىرىسىگە ، ئاساسلىق شەھەر رايونىدىكى 2003-يىلى 15-ئاپرېلدىن بۇرۇن سېلىنغان ئېنېرگىيە تېجىمەيدىغان قۇرۇلۇشلار كىرگۈزۈلگەن بولۇپ ، بىنانىڭ ئۆگزىسى ، سىرتقى تېمى ، دېرىزىسى ۋە يەر ئاستى ئۆيى ئېنېرگىيە تېجەيدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىلىدىكەن .
ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىغا كېتىدىغان خىراجەتنىڭ بىر قىسمىنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك مالىيە تارماقلىرى ئاجرىتىدىغان بولۇپ ، قالغان قىسمىنى شۇ قۇرۇلۇش قاراشلىق ئىدارە-ئورۇن ۋە شەخىس چىقىرىدىكەن .
2005-يىلى ، ئۈرۈمچىدىكى قۇرۇلۇشلار ئېنېرگىيە تېجەيدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىلىشكە باشلىغان بولۇپ ، 2013-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە 15 مىليون 980 مىڭ كىۋادرات مېتىر قۇرۇلۇش ئۆزگەرتىلگەن ، ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىدىن كېيىن ، ئاھالىلەرنىڭ ئۆي ئىچى تېمپېراتۇرىسى 7 ~ 3 سېلتسىيە گىرادۇسقىچە ئۆرلىگەن .
نۆۋەتتە ، ئۈرۈمچى شەھىرىدە يەنە 69 مىليون 870 مىڭ كىۋادرات مېتىر كۆلەمدىكى قۇرۇلۇش ئېنېرگىيە تېجەيدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىلمىگەن بولۇپ ، ئۇنىڭ ئىچىدە 31 مىليون 70 مىڭ كىۋادرات مېتىر كۆلەمدىكى قۇرۇلۇش ئاممىۋى قۇرۇلۇش ، 38 مىليون 800 مىڭ كىۋادرات مېتىر كۆلەمدىكى قۇرۇلۇش ئاھالىلەر بىناسىدىن ئىبارەت ئىكەن .
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر