- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


شىنجاڭنىڭ توكىنى شەرققە يەتكۈزۈشتىكى تۇنجى ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق توك يولى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى
2014.01.29 16:16 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
قومۇلدىن جېڭجۇغىچە بولغان 800 كىلوۋولتلۇق ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى 28-يانۋار رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. بۇ قۇرۇلۇش-دۆلەت يولغا قويغان شىنجاڭنىڭ توكىنى شەرققە يەتكۈزۈش ئىستراتېگىيەسىدىكى تۇنجى ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى شۇنداقلا غەربىي شىمال رايونىدىكى چوڭ ئوت ئېلېكتىر، شامال ئېلېكتىر بازىلىرىنىڭ توكىنى چىقىرىشتىكى تۇنجى ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق قۇرۇلۇش.
قومۇلدىن جېڭجۇغىچە بولغان 800 كىلوۋولتلۇق ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش لىنىيەسىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 2192 كىلومېتىر كېلىدۇ، شىنجاڭ، گەنسۇ، نىڭشيا، شەنشى، سەنشى، خېنەندىن ئىبارەت ئالتە ئۆلكە، ئاپتونوم رايوننى بېسىپ ئۆتىدۇ، بۇ لىنىيە يەتكۈزىدىغان توك قۇۋۋىتى سەككىز مىليون كىلوۋات بولۇپ، نۆۋەتتە دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش تېخنىكىسى قوللىنىلغان.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر