باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدا يەنە يەتتە «دۆلەت دەرىجىلىك باغچا شەھەر (ناھىيە شەھىرى)» كۆپەيدى

2014.01.26 09:13         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ئۆي ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە ، نۆۋەتتە، دۆلەتلىك تۇرالغۇ ئۆي ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى بىر تۈركۈم مۇكاپاتقا ئېرىشكەن جايلار ئىسىملىكىنى ئېلان قىلغان ، شىنجاڭدىن ئۈچ تۈر 2013-يىللىق جۇڭگو ئاھالىلىرىنىڭ ئولتۇراق مۇھىت ئۈلگىسى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ، يەتتە ناھىيە ، شەھەرگە ‹‹ دۆلەت دەرىجىلىك باغچىلاشقان شەھەر (ناھىيە شەھىرى) ›› دەپ نام بېرىلگەن .

  ‹‹ دۆلەت دەرىجىلىك باغچىلاشقان شەھەر (ناھىيە شەھىرى) ›› دەپ نام بېرىلگەن ناھىيە ، شەھەرلەر ئۈرۈمچى شەھىرى ، ئالتاي شەھىرى ، ۋۇ جياچۈ شەھىرى ، لوپنۇر ناھىيەسى ، پوسكام ناھىيەسى ، توققۇزتارا ناھىيەسى ، نىلقا ناھىيەسى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت .

  2013-يىللىق جۇڭگو ئاھالىلىرىنىڭ ئولتۇراق مۇھىت ئۈلگىسى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئۈچ تۈر قاراماي شەھىرى قاراماي رايونى ئۇچۇر تېخنىكىسى ئارقىلىق شەھەر باشقۇرۇش مېخانىزمىغا تۈرتكە بولۇشتا يېڭىلىق يارىتىش تۈرى ، كۇچا ناھىيەسىنىڭ كونا رايونى تارىخىي مەدەنىيەت كوچا رايونىنى قوغداش قۇرۇلۇشى ، بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونى مۇھىتنى ئۇنىۋېرسال تەرتىپكە سېلىش قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت .

  نۆۋەتتە ، شىنجاڭدا 10 دىن ئارتۇق تۈر جۇڭگو ئاھالىلىرىنىڭ ئولتۇراق مۇھىت مۇكاپاتى ياكى جۇڭگو ئاھالىلىرىنىڭ ئولتۇراق مۇھىت ئۈلگىسى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ھەمدە 19 ناھىيە ، شەھەر ‹‹دۆلەت دەرىجىلىك باغچا شەھەر (ناھىيە شەھىرى)›› دېگەن نامغا ئېرىشكەن .

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر