- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


بۇغدا كۆلى ساياھەت رايونى جۇڭگو ئاھالىلەر تۇرالغۇ مۇھىتى ئۈلگىسى مۇكاپاتىغا ئېرىشتى
2014.01.24 10:54 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
ئۆلچەملىك kitab tom تۈز توم گىزىت
تەڭرىتاغ بۇغدا كۆلى ساياھەت رايونى ئون يىلدىن بۇيان مۇھىتنى ئۇنىۋېرسال تۈزەپ ، 2013–يىلى ئوڭۇشلۇق ھالدا ‹‹دۇنيا تەبىئىي مىراس ›› لار تىزىملىكىگە كىردى ، شۇنداقلا ‹‹جۇڭگو ئاھالىلەر تۇرالغۇ مۇھىتى ئۈلگىسى مۇكاپاتى ›› غا ئېرىشتى .
21-يانۋار، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ئۆي ۋە شەھەر–يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە ، 2013–يىلى جۇڭگو ئاھالىلەر تۇرالغۇ مۇھىتى مۇكاپاتى تىزىملىكى ئېلان قىلىنغان بولۇپ ، تەڭرىتاغ بۇغدا كۆلى ساياھەت رايونى ئۇنىۋېرسال تۈزەش قۇرۇلۇشى تۈرى تىزىملىككە كىرگەن . بۇنىڭدىن باشقا ، قاراماي شەھىرى قاراماي رايونىنىڭ ئۇچۇر تېخنىكىسى ئارقىلىق شەھەر باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت يېڭىلىق يارىتىش تۈرى ، كۇچا ناھىيەسىنىڭ كونا شەھەر رايونى تارىخ–مەدەنىيەت كوچىسىنى قوغداش قۇرۇلۇشىمۇ بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن .
تەڭرىتاغ بۇغدا كۆلى ساياھەت رايونى مۇھىتنى ئۇنىۋېرسال تۈزەش قۇرۇلۇشى قوغداش ، باشقۇرۇش ، قۇرۇش ، مۇلازىمەت قاتارلىق جەھەتلەردە مۇئەييەن ئۈنۈم ھاسىل قىلغان .
جۇڭگو ئاھالىلەر تۇرالغۇ مۇھىتى ئۈلگىسى مۇكاپاتى ئاھالىلەر تۇرالغۇ مۇھىتى قۇرۇلۇشى جەھەتتە گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان تۈرلەرنى باھالاش ئارقىلىق ، شەھەر–بازار ئاھالىلەر تۇرالغۇ مۇھىتى قۇرۇلۇشى ۋە باشقۇرۇش خىزمىتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ ، شەھەر–يېزا ئاھالىلەر تۇرالغۇ مۇھىتى سۈپىتىنى ئۆستۈرىدۇ . 2012–يىلى ئۈرۈمچى شەھىرى BRT يۇقىرى سۈرئەتلىك ئاممىۋى قاتناش سىستېمىسى قۇرۇلۇشى تۈرى بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن بولۇپ ، ئاپتونوم رايون دائىرىسىدە ھازىرغىچىلىك ئون تۈر بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن .
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر