- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئەركىن ئىمىرباقى تەڭرىتاغ تورىنىڭ ‹‹ئىككى يىغىن››دىكى يېڭى تاراتقۇلار مۇلازىمەت مەركىزىنى كۆزدىن كەچۈردى
2014.01.20 08:43 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
16-يانۋار چۈشتىن كېيىن، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئەركىن ئىمىرباقى تەڭرىتاغ تورى تەسىس قىلغان ‹‹ ‹ئىككى يىغىن›دىكى يېڭى تاراتقۇلار مۇلازىمەت مەركىزى››نى كۆزدىن كەچۈردى
تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى: 16-يانۋار چۈشتىن كېيىن، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئەركىن ئىمىرباقى تەڭرىتاغ تورى تەسىس قىلغان ‹‹ ‹ئىككى يىغىن›دىكى يېڭى تاراتقۇلار مۇلازىمەت مەركىزى››گە كېلىپ، تەڭرىتاغ تورىنىڭ بۇ قېتىمقى ‹‹ئىككى يىغىن››دىكى ئاخبارات تارقىتىش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى.
خىزمەتچى خادىم ئالدى بىلەن ئەركىن ئىمىرباقىغا تەڭرىتاغ تورىنىڭ ‹‹ئىككى يىغىن›› مەخسۇس بېتىنى ۋە تەڭرىتاغ تورى تۇرۇشلۇق ئاپتونوم رايونلۇق 12-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2-يىغىنىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىنى بىۋاسىتە تارقىتىش، قايتا قويۇش بېتىنى كۆرسەتتى. ئارقىدىنلا ئەركىن ئىمىرباقى ‹‹ئۇيغۇرچە ئاۋازلىق يانفون گېزىتى (سىناق نۇسخىسى)›› ئۈچۈن قويۇپ قويۇلغان يانفوننى قولىغا ئېلىپ، بۇ گېزىتىنىڭ يازمىچە خەۋەر تاقىتىپلا قالماستىن يەنە، ئاۋازلىقمۇ خەۋەر تارقىتالايدىغانلىقىدىن تولىمۇ مەمنۇن بولدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر