خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد ئىدرىسى: 16 – يانۋار ئاپتونوم رايونلۇق 12 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2 – يىغىنىغا سىرتتىن قاتنىشىۋاتقان، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتىكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەمۇرىي مەھكىمە ۋالىيسى مەردان مۇقىيىتنى زىيارەت قىلدىم، ئۇ ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ يېقىنقى تۆت يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ھەققىدە توختىلىپ ماڭا مۇنداق دېدى:
ـــ مەركەز شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ ئېچىلىشى شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكى، ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ باردى، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئىلمىي تەرەققىياتىغا، ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە سىياسەت بىلەن تەمىنلىدى، بىزگە يېڭىچە ھاياتىي كۈچ بېغىشلىدى. تۆت يىلدىن بۇيان ۋىلايىتىمىز پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، «شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش، خەلقنى بېيىتىپ، چېگرىنى ئوبدان ساقلاش» ئومۇمىي ئىستراتېگىيەسى بويىچە ئىقتىسادىي تەرەققىيات بىلەن ئەبەدىي ئەمىنلىكنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلىدى. تۆت يىلدىن بۇيان ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ يەرلىك ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى تېز سۈرئەتتە كۆپەيدى، بۇلتۇرقى يەرلىك ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 95 مىليارد 340 مىليون يۈەنگە يېتىپ، 2009 – يىلىغا سېلىشتۇرغاندا بىر ھەسسە ئۆرلىدى، يەرلىك ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى جەھەتتە شىنجاڭ بويىچە 3 – ئورۇنغا چىقتى. جەمئىيەت بويىچە تۇراقلىق مۈلۈككە سېلىنغان مەبلەغ 42 مىليارد 430 مىليونگە يېتىپ، 2009 – يىلىغا سېلىشتۇرغاندا 2.2 ھەسسە ئاشتى. سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلىپ قىلىشتا نەقلەشكەن مەبلەغ 20 مىليارد 830 مىليون يۈەنگە يېتىپ، 2009 – يىلىغا قارىغاندا 3 ھەسسە ئاشتى. يەرلىك مالىيە كىرىمى 9 مىليارد 260 مىليون يۈەنگە يېتىپ، 2009 – يىلىغا قارىغاندا 1.68 ھەسسە ئاشتى. شەھەر – بازاردىكى ئاھالىلەرنىڭ كىرىشى بېشىغا تەقسىملىيەلەيدىغان كىرىمى 18 مىڭ 209 يۈەنگە يېتىپ، يىلىغا 2 مىڭ يۈەندىن ئېشىپ باردى. دېھقانلارنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كەلگەن كىرىمى 8266 يۈەنگە يېتىپ، يىلىغا 1100 يۈەندىن ئېشىپ باردى. 3 مىليون 850 مىڭ (قېتىم) ساياھەتچى كۈتىۋېلىپ، بۇ سان 2009 – يىلىغا سېلىشتۇرغاندا بىر ھەسسە ئاشتى. ساياھەت كىرىمى 690 مىليون يۈەنگە يېتىپ، 2009 – يىلىدىكىدىن 3 ھەسسە ئاشتى.
ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى ھەققىدە مەردان مۇقىيىت مۇنداق دېدى:
ـــ شەھەر – بازارلاردىكى ئاھالىلەرنىڭ كىرىمى تۆت يىلدىن بۇيان يىلىغا ئىككى خانىلىق ساندىن ئېشىپ باردى. دېھقانلارنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كەلگەن كىرىمىمۇ شىنجاڭ بويىچە ئالدىنقى سەۋىيەدە تۇرۇپ كەلدى. ۋىلايەت بويىچە 90 مىڭ 500 يۈرۈش ئەمىن ئۆي، 103 مىڭ يۈرۈش كاپالەت خاراكتېرىلىق ئۆي سېلىندى. بۇلتۇرنىڭ يىل ئاخىرىغىچە ۋىلايەت بويىچە تۈرلۈك مەكتەپلەردىن 1112 سى بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە قوشتىللىق بالىلار يەسلىسى 354 گە يەتكۈزۈلىنىپ، مەكتەپكە كىرىشتىن بۇرۇنقى مائارىپ، باشلانغۇچ، تولۇقسىز ۋە ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مائارىپ باسقۇچىدا 14 يىللىق ھەقسىز مائارىپ ئاساسەن ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى، يېزىلاردىكى يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقانلار %99.7 دىن ئېشىپ، دۆلەتنىڭ ئاساسلىق داۋالىنىش تۈزۈلمىسى پۈتۈنلەي ئومۇملاشتۇرۇلدى.
مەركەزنىڭ شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكى ھەققىدىكى ئەڭ يېڭى ئورۇنلاشتۇرۇلمىسى ۋە ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ بۇ يىللىق تەرەققىياتى ھەققىدە مەردان مۇقىيىت مۇنداق دېدى:
ـــ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيوروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ «12.19» يىغىنىدا قىلىنغان شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكى ھەققىدىكى ئەڭ يېڭى ئورۇنلاشتۇرۇلمىسى بۇندىن كېيىنكى شىنجاڭنىڭ بىرمەزگىللىك تەرەققىياتىغا ماياك تىكلەپ بەردى. باش شۇجى شى جىنپىڭ باشچىلىقىدىكى مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە بولغان ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشىنى، شىنجاڭ خەلقىگە بولغان ئالاھىدە مۇھەببىتىنى ئىپادىلەپ بەردى. بۇندىن كېيىنكى خىزمەتلەردە ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى ھەرمىللەت كادىر، ئاممىسى مەركەزنىڭ مۇھىم ئورۇنلاشتۇرمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۇنى ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقنىڭ قۇدرەتلىك ھاياتى كۈچى، ھەرقايسى خىزمەتلەرنىڭ قىبلىنامىسى قىلىپ، 2014 – يىلى يەرلىك ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى بۇلتۇرقىدىن %13.5، جەمئىيەت بويىچە تۇراقلىق مۈلۈككە سېلىنغان مەبلەغنى %20، ئاممىۋى مالىيە خامچوت كىرىمىنى %12 ئاشۇرۇشقا، دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كەلگەن كىرىمىنى 11 مىڭ 7 يۈەنگە يەتكۈزۈشكە، شەھەر بازارلاردىكى ئاھالىلەرنىڭ كىرىشى بېشىغا تەقسىملىيەلەيدىغان كىرىمىنى 22 مىڭ 315 يۈەنگە يەتكۈزۈپ، بۇلتۇرقىدىن %7.5 ئاشۇرۇشقا كۈچەيدۇ. (شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد ئىدرىسى)
مەنبە: خەلق تورى