- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


چاپچال ناھىيەسى: شىبە مىللىتىنىڭ «قارا سۇۋاش بايرىمى» ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك «غەيرىي مەدەنىيەت مىراسلىرى» تېزىملىكىگە تاللاپ كىرگۈزۈلدى
2014.01.17 13:17 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 15-يانۋار، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسى مەدەنىيەت سارىيىدىن ئىگىلىشىچە، يىقىندا، بۇ ساراي ئىلتىماس قىلغان شىبە مىللىتىنىڭ «قارا سۇۋاش بايرىمى» 4-تۈركۈمدىكى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك غەيرى ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن.
ئىگىلىنىشىچە، شىبە مىللىتىنىڭ «قارا سۇۋاش بايرىمى» شىبە مىللىتىنىڭ ئىنتايىن قىزىقارلىق، ئۆزگىچە ئالاھىدە بايرىمى ئىكەن. دېھقانلار كالىندارى بويىچە بىرىنچى ئاينىڭ 16-كۈنى، تاڭ يورۇشتىن بۇرۇن كىشىلەر ئۆز ئارا چىللىشىپ بىر يەرگە يىغىلىپ، ئالدىن تەييارلاپ قويغان قازاننىڭ قارىسىنى قارشى تەرەپنىڭ يۈزىگە سۇۋايدىكەن. ئالدى بىلەن ياشانغانلار پەرزەنتلىرىنىڭ پىشانىسىگە سۈركەيدىكەن، ئاندىن تەڭ دىمەتلىكلەر ئۆز ئارا سۈركىشىپ پۈتۈنلەي باشقىچە تۈسكە كىرىپ قالىدىكەن، بىراق ھەرگىزمۇ ئۆز ئارا ئازار بېرىشمەي ۋە ئاچچىقلانماي، باشتىن ـ ئاخىر خۇشال كەيپىياتنى ساقلايدىكەن.
مەنبە خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر