باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

2014 ـ يىلى جەنۇبىدىكى شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت بىر ئوبلاستتىكى توكى يوق ئائىلىلەرگە توك يەتكۈزۈلىدۇ

2014.01.16 17:12         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەتلىك ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر قۇۋۋىتى شىركىتى ئاچقان توك يوق رايونلارغا توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى تېزدىن يولغا قويۇش ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىنىشىچە، 2011-يىلدىن بۇيانقى ئۈچ يىلدا دۆلەتلىك ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر قۇۋۋىتى شىركىتى ئىككى مىليارد 355مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، توكى يوق 521مىڭ500 نوپۇسنىڭ توك ئىشلىتىش مەسىلىسىنى ھەل قىلغان. 2014-يىلى داۋاملىق ئىككى مىليارد 82مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ئېشىپ قالغان توكى يوق 462مىڭ نوپۇسنىڭ توك ئىشلىتىش مەسىلىسىنى تەلتۆكۈس ھەل قىلىپ، شىنجاڭدىكى ئېلېكتىر تورى كېڭەيتىپ قاپلانغان دائىرىدە ھەممە ئائىلىلەرگە يەتكۈزۈشنى دۆلەتنىڭ پىلانىدىن بىر يىل ئورۇنلاپ بولىدىكەن.

  شىنجاڭ ئېلېكتىر قۇۋۋىتى شىركىتى يېزا توك خىزمىتى بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ئەسقەر ئەخمەت مۇنداق دېدى: ھازىر شىنجاڭ ئېلېكتىر تورىنى كېڭەيتىش ئۇسۇلى بىلەن ھەل قىلىشقا تىگىشلىك ئېشىپ قالغان توك يوق نوپۇس ئاساسلىقى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئاقسۇ ۋىلايىتى، قەشقەر ۋىلايىتى، خوتەن ۋىلايىتى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىغا مەركەزلەشكەن. مەركەزنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ داۋاملىق چوڭقۇرلىشىشغا ئەگىشىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت بىر ئوبلاستىنىڭ توك ئىشلىتىش مىقدارى بىر قەدەر تېز ئاشتى، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت بىر ئوبلاستىنىڭ توك يوق بولۇش مەسىلىسىنى تەلتۆكۈس ھەل قىلىپ، شۇ يەردىكى دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىنى ئىشەنچلىك ئېلېكتىر قۇۋۋىتى كاپالىتى بىلەن تەمىنلەيمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر